Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئىزوتونىك ئېرىتمە
دائىرە: بىئولوگىيە等张溶液
děngzhāngróngyè
قىزىل ھۈجەيرىنى ئوزوسموتىك ئاش تۇزى ئېرىتمىسىگە (<ئېزوسموتىك ئېرىتمە> گە قارالسۇن) سۇسىپېنزىيىلىگەندە، قىزىل ھۈجەيرە پەردىسى يەنىلا ئەسلىدىكى كېرىلىش كۈچىنى ساقلاپ ھۈجەيرىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرمەيدۇ، شۇڭا ئىزوسموتىك ئاش تۇزى ئېرىتمىسى ئىزوتونىك ئېرىتمە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. لېكىن بارلىق كرىستال ماددىلارنىڭ ئىزوسموتىك ئېرىتمىسى ئىزوتونىك ئېرىتمە بولىۋەرمەيدۇ. مەسىلەن، ئىزوسموتىك ئۇرېيە ئېرىتمىسى ھۈجەيرىگە ئاسان سىرغىپ كىرىپ ھۈجەيرىنى كۆپتۈرۈپ گېمولىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىزوسموتىك ئۇرېيە ئېرىتمىسى ئىزوتونىك ئېرىتمە ھېسابلانمايدۇ. شۇڭا، <ئىزوتونىك ئېرىتمە> دېگەن ئاتالغۇدا ھۈجەيرىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىگە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىلىدۇ؛ <ئىزوسموتىك ئېرىتمە> بولسا، ئوسموتىك بېسىمىدىن ئىبارەت فىزىكىلىق - خىمىيىلىك ئالاھىدىلىك نۇقتىسىدىن ئېيتىلغان ئاتالغۇ. كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئىككىسىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، لېكىن ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.
دائىرە: خىمىيە等渗深液
děng shèn shēn yèDئۇنىۋېرسال
等渗溶法
děng shèn róng fǎDتېببىي
等渗溶液
děng shèn róng yè
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.