Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىزا ئاھانەت
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
خىجىللىق ۋە ئۇيىلىش تۇيغۇسى.
شەرەپ، شان، شان - شەرەپ، شۆھرەت، شەۋكەت
ئاتاق - ئابرۇي، پەخىر - ئىپتىخار.
ئىقتىسادچىللىق شەرەپ، ئىسراپچىلىق نومۇس. شەرەپ بىلەن غەلىبە - بىر تۇغقان قوشماق. بەيگىگە چۈشكەن ئات ئېگىسىگە يا شەرەپ كەلتۈرەر، يا ئىگىسىنى نومۇسقا قالدۇرار. ئالىيجاناب ئادەم شان - شەرەپنى جېنىدىن ئارتۇق بىلىدۇ. شۆھرەتكە بېرىلىش - ئەڭ رەزىل ھەۋەس. ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرەر، توشقاننى قومۇش. ئېگىز تاغدا قار بولار، مەرد يىگىتتە ئار. ئىزا ئۆلۈمدىن قاتتىق. شەخسىيەتچىلىككە بېرىلگەن ئار - نومۇسنى ئۇنتار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىزا ۋە ئاھانەت.
ئىزا - ئاھانەت قىلماق. ئىزا - ئاھانەتكە قالماق.
بۈگۈن كەچكى قەدىرسىزلىك ۋە ئىزا - ئاھانەتلەر ئۇنىڭ نېرۋىسىنى قاپلاپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى باسماقتا ئىدى.
ئۇلار ئىزا - ئاھانەت ئىچىدە زار - زار يىغلاشقا باشلىدى.