Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىئونلۇق باغ
بىئولوگىيە
<تۇز ھاسىل قىلىدىغان باغ> ياكى <تۇز كۆۋرۈكى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۆز ئارا قوشنا بولغان ئىككى دانە قارىمۇ قارشى زەرەتلىك گۇرۇپپا (ياكى ئىئون) لار ئارلىقىدا ئېلېكترىستاتىك تارتىشىش كۈچىنىڭ تەسىرى ئارقىلىق ھاسىل بولغان باغدۇر. ئۇنىڭ باغ ئېنېرگىيىسى نىسبەتەن كۈچلۈك بولۇپ، ئېرىتمىدىكى ئىئونلارنىڭ كۈچىنىشچانلىقى ۋە كىسلاتا، ئىشقارلىق دەرىجىسىىى ئۆزگەرتىش ئارقىلىقلا ئاندىن ئۇنى بۇزغىلى بولىدۇ. ئىئونلۇق باغ ئاقسىل، يادرو كىسلاتا مولېكۇلىلىرىدا كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلارنىڭ بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشىنى تۇراقلاشتۇرۇپ تۇرىدىغان خىمىيىلىك باغلارنىڭ بىرى. ئاقسىل مولېكۇلىسىدا پولى پېپتىد زەنجىرىدىكى ئىشقارلىق ئامىنو كىسلاتالىرى (لىزىن، ئارگىنىن، گىستىدىن) نىڭ يان زەنجىرىدىكى مۇسبەت زەرەتلىك گۇرۇپپا NH3+ بىلەن كىسلاتارلىق ئامىنو كىسلاتالىرى (ئاسپاراگنىك كىسلاتا)، گلۇتامىك كىسلاتا( نىڭ يان زەنجىرىدىكى مەنپىي زەرەتلىك - COO- لار ئۆز ئازا بىرىكىپ تۇز ھاسىل قىلىدىغان باغنى ھاسىل قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بۇ خىل باغلار كۆپىنچە ئاقسىل مولېكۇلىسىنىڭ سىرتقى يۈزىگە تارقىلىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ سۇغا مايىللىقى كۈچلۈك بولىدۇ، يادرو كىسلاتا مولېكۇلىسىدا ئىشقارلىق قالدۇقلارنىڭ مەنپىي زەرەتلىرى بىلەن مۇسبەت زەرەتلىك گىستون، پولى ئامىنلار ئارىلىقىدا ئىئونلۇق باغلار ھاسىل بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
خىمىيە
مۇسبەت ۋە مەنپىي ئىئونلار ئوتتۇرىسىدىكى ئېلېكتروستاتىك تەسىر ئارقىلىق شەكىللەنگەن خىمىيۋى باغ. مېتاللىقى ناھايىتى كۈچلۈك ئېلېمېنتلار بىلەن مېتالوئىدلىقى ناھايىتى كۈچلۈك ئېلېمېنتلار بىرىككەندە ئىئونلۇق باغ شەكىللىنىدۇ.