Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئېئولىت
دۇنيا تارىخى
ئادەتتە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تاڭ نۇرى دەۋرىدىكى تاش قوراللار يەنى كونا تاش قوراللار دەۋرىدىن تېخىمۇ بالدۇرقى تاش قوراللار كۆزدە تۇتىلىدۇ. لېكىن ئارخېئولوگىيە تارىخىدا، ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدا بەزى ياۋرۇپالىقلارنىڭ 3 ـ دەۋر ۋە 4 - دەۋرنىڭ باشلىرىدىكى يەر قاتلىمىدىن قېزىپ چىقىرىلغان بىرخىلى (تاش پارچىلىرى ۋە تاشلار) كۆزدە تۇتۇلغان. كېيىن تەجرىبىلەر ئارقىلىق بۇ ئېئولىتانلارنىڭ سۈنئىي ئىشلەنگەن بولماستىن، ئەمەلىيەتتە تەبىئىي پارچىلانغان، پىششىقلانمىغان تاش ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.