Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئېۋكوممىيە دەرىخى
بىئولوگىيە
杜仲
dùzhòng
ئېۋكوممىيە دەرىخى ئائىلىسىگە كىرىدۇ، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ، شېخىنىڭ ئۆزىكى تەڭگىسىمان بولىدۇ، قوۋزىقى كۈل رەڭ بولۇپ، سۇندۇرغاندا كۈمۈش رەڭ ئىنچىكە سىزىق ھاسىل بولىدۇ. يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. ئېللىپس شەكىللىك ياكى ئېللىپسسىمان تۇخۇم شەكىللىك بولىدۇ، گىرۋىكىدە چىشى، ئاستىنقى يۈزىدىكى تومۇرى ئۈستىدە تۈك بولىدۇ؛ يوپۇرماق سېپى بولىدۇ، تەگ يوپۇرمىقى بولمايدۇ، گۈلى يەككە جىنسلىق، ئاتىلىق، ئانىلىقى ئايرىم تۈپتە ئۆسىدۇ، گۈل يېپىنچىسى بولمايدۇ، يۇمران شاخنىڭ تۈۋىدىكى ئورىغۇچى يوپۇرماقنىڭ قولتۇقىدا ئۆسىدۇ، يوپۇرماق ئېچىلىشتىن بۇرۇن ياكى يوپۇرماق بىلەن بىرۋاقىتتا ئېچىلىدۇ؛ ئاتىلىق گۈلىدە ساپ قىسقا بولىدۇ، ئاتىلىقى 6 - 10 تال؛ ئانىلىق گۈلىدە قىسقا ساپ بولىدۇ، ئانىلىق بوينىنىڭ ئۇچى ئىككىگە ئاچىماقلىنىدۇ، قاناتلىق مېۋىسىنىڭ تار ئېللىپس شەكلىدە بولىدۇ. پەقەت بىر تۈرى بولىدۇ، بۇ جۇڭگونىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ. چاڭجياڭنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە تارقالغان. تاغلىق رايون ئورمانلىقلىرىدا ئۆسىدۇ ياكى ئۆستۈرۈلىدۇ. ئېۋكوممىيە دەرىخىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان قاتتىق كاۋچۇك دېڭىز ئاستى كابىلى ۋە يېپىشتۇرغۇچى قاتارلىقلارنىڭ مۇھىم ماتېرىيالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ ئېۋكوممىيە دەرىخىنىڭ قوۋزىقى دورىغا قوشۇلىدۇ، جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، قوۋۇرغىنى چىڭىتىش، بەل ۋە پۇت ئاغرىقى، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ؛ ياغىچى ئۆي سايمانلىرى ۋە قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ ئورۇقىدىن ماي تارتىلىدۇ.
ئۆسۈملۈك
丝连
sī liánDباغۋەنچىلىك
杜仲
dù zhòngDئۇنىۋېرسال
杜仲
dù zhòngDيېزا ئىگىلىك
杜仲
dù zhòn