Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئېۋكلىد
دائىرە: دۇنيا تارىخى欧几里得
ōu jǐ lǐ dé
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 330 - 275) قەدىمكى يۇنان ماتېماتىكى. كەچۈرمىشلىرى ئېنىق ئەمەس. ئىسكەندەرىيە (مىسىر) شەھىرىدە تۇرۇپ قالغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا پادىشاھ پتولېمېي Ⅰ گە ماتېماتىكا ئۆگەتكەن. ئىسكەندەرىيە ماتېماتىكا ئېقىمىنىڭ ئاساسچىسى، قەدىمكى يۇناننىڭ ماتېماتىكا، گېئومېتىرىيە ئىلمىنى مۇجەسسەملەشتۈرگۈچى، دەپ ئېتراپ قىلىنغان. ئاسترونومىيە، ئوپتىكا، مۇزىكىنىمۇ تەتقىق قىلغان. ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا تارقىلىپ كەلگەن ۋە كېيىنكىلەرگە زور تەسىر كۆرسەتكەن ئاساسلىق ئەسىرى <گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى> (13 توم) بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ دەسلەپكى ئاكسىئوملاشتۇرۇلغان مەشھۇر ماتېماتىكا ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئالدىنقىلارنىڭ تەجرىبىسىنى يەكۈنلەپ، ئاكسىئوما ۋە پوستلاتنى چىقىش قىلىپ، دىدوكسىيە ئۇسۇلى ئارقىلىق پلانىمېترىيىنى بايان قىلغان؛ بۇ ئەسەر ئۇزۇندىن بۇيان ئېلېمېنتار گېئومېتىرىيىنىڭ نۇسخىسى دەپ ھېسابلانماقتا. كېيىن ئىسكەندەرىيىلىك ماتېماتىك ھىپىسكل (مىلادى Ⅱ ئەسىردىن كېيىن ئۆتكەن) <گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى> نى تولۇقلاپ 14 - ۋە 15 - تومىنى يازغان. كۆپ خىل غەرب تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان. جۇڭگودا دەسلەپتە مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن شۇي گۇاڭچى قاتارلىقلار (ئالدىنقى ئالتە تومىنى) خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان. ئۇنىڭ يەنە بىر ئاسترونومىيىگە ئائىت ئەسەرلىرىمۇ بار.
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى欧几里得
ōu jǐ lǐ d
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.