Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئېۋانىس
دائىرە: دۇنيا تارىخى伊文思
yī wén sī
(1851 - 1941) ئەنگلىيەلىك ئارخېئولوگ. ئەنگلىيە ئوكسىفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولغان. ياش ۋاقتىدا ئەنگلىيە لوندون ئارخېمولىن مۇزېيىدا خىزمەت قىلغان. 1900 - 1909 - يىللىرى گرېتسىيەنىڭ كرېت ئارىلىدىكى كىنوسۇس قەدىمكى شەھىرىنىڭ خارابىسىنى قېزىپ، مىنوسنىڭ خان سارىيى ۋە كۆپلىگەن سەنئەت بۇيۇملىرى ھەمدە سىزىقسىمان يېزىق سېغىز بەتلەرنى تېپىپ چىققان، تاكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغانغا قەدەر 40 نەچچە يىل خان سارىيىنى قېزىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، مىنوس سارىيى تەتقىقاتىغا زور تۆھپە قوشقان. بۇنىڭدىن باشقا، مېكىناي مەدەنىيىتىنىڭ تەكتىنى تېپىپ چىققان ھەمدە ئېگېي مەدەنىيىتىنى تولۇق دەۋرلەرگە بۆلۈپ چىققان. تۆت توملۇق <كىنوستىكى مىنوس سارىيى> دېگەن ئەسىرى بولۇپ، بۇ، ئېگېي مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىپ، بۇ مەدەنىيەتنى چۈشەندۈرۈش ۋە دەۋرلەرگە بۆلۈشتە ھازىرغىچە تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.