Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىۋانكوۋىچ جېڭى
دۇنيا تارىخى
1804 - 1813 - يىللىرىدىكى بىرىنچى قېتىملىق سېربىيە قوزغىلىڭىدا، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى بىلەن تۈركىيە قوشۇنى ئوتتۇرىسىدا بولغان جەڭ. 1805 - يىلى 8 - ئايدا پورىئافوۋاتىس ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى سىتويكوۋىچ ۋە قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ داھىيىسى ۋە قارا گېئورگې قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ ھاپىز پاشا قوماندانلىقىدىكى تۈركىيە قوشۇنى بىلەن سېربىيىنىڭ شەرقىدىكى چۇپرىيا شەھىرىنىڭ يېنىدىكى ئىۋانكوۋىچ دېگەن يېزىدا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان، جەڭ بىر كۈن داۋاملىشىپ، تۈركىيە قوشۇنى يېڭىلىپ، باراچىندىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان.