Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئۇزۇن قارى
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
长尺
cháng chǐ
ئۇزۇن قارى (uzun kari) - قەدىمكى قۇجۇدا قوللىنىلغان ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، <قارى> نىڭ يەنە بىر خىل شەكلى. <قارى> - <چى> غا تەڭ كېلىدۇ. <قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر> دېگەن كىتابتا <قارى> نى <چى> دەپ؛ <ئۇزۇن قارى> نى <گەز> دەپ ئاتالغان. بۇرۇنقى زامانلاردا بىر گەز 71 سانتىمېترغا توغرا كېلەتتى. شۇنداق بولغاندا ئۇزۇن قارى 71 سانتمېترغا تەڭ بولغان بولىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.