Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئۇزۇن مۇددەتلىك پارلامېنت
دۇنيا تارىخى
长期国会
cháng qī guó huì
(1) ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنت. 1640 - يىلى 11 - ئايدىن 1653 - يىلى 4 - ئايغىچە 13 يىلدىن كۆپرەك دەۋر سۈرگەچكە شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1640 - يىلى 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى قىسقا مۇددەتلىك پارلامېنت تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىن، چارلېس Ⅰ قوزغىغان ئىككىنچى قېتىملىق شوتلاندىيە ئۇرۇشى مەغلۇپ بولۇپ، ھۆكۈمەتكە خىراجەت توپلاش ئۈچۈن پارلامېنت چاقىرغان. پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئەسلىدىكى قىسقا مۇددەت پارلامېنت ئەزالىرى بولۇپ، ئاقسۆڭەكلەر كۆپ ساننى ئىگىلىگەن. پارلامېنت چاقىرىلغاندىن كېيىن كورۇلنىڭ ھوقۇقلىرىنى چەكلەيدىغان بىر مۇنچە قانۇن لايىھىلىرىنى ماقۇللىغان. 1641 - يىلى 5 - ئايدا گراف سىتراففوردنى ئۆلتۈرگەن. 12 - ئايدا <نارازىلىق خېتى> ئېلان قىلغان. 1642 - يىلى 1 - ئايدا چارلېس Ⅰ ئەسكەر باشلاپ جون پىم (1584 - 1643) قاتارلىق بەش نەپەر ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزاسىنى قولغا ئالماقچى بولغاندا كورۇل بىلەن مۇناسىۋىتى ئۈزۈلۈپ، ئىنقىلاب مەزگىلىدىكى قانۇن تۈزگۈچى ۋە رەھبىرىي ئورگان بولۇپ قالغان. لېكىن پارلامېنتتا مۆتىۋەرلەر كۆپ ساننى ئىگىلىگەنلىكتىن، يەنىلا باشتىن - ئاخىر كورۇل بىلەن مۇرەسسەلىشىش پوزىتسىيىسىدە بولغان. 1648 - يىلى 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، مۇستەقىلچىلەر ئارمىيىسى تەرىپىدىن تازىلانغان. قېپقالغان 100 دەك پارلامېنت ئەزاسىنىڭ كۆپچىلىكى مۇستەقىلچىلەر بولغاچقا، شۇنىڭدىن كېيىنكى پارلامېنت پۇچەك پارلامېنت دەپ ئاتالغان. 6491 - يىلى 1 - ئايدا چارلېس Ⅰ باستۇرۇلۇپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان. 1653 - يىلى 4 - ئايدا، ئولىۋېر كرومۋېل ھەربىي ھاكىمىيەت قۇرغاندىن كېيىن تارقىلىپ كەتكەن. (2) غەرب تارىخشۇناسلىرى يەنە ئەنگلىيىدىكى چارلېس Ⅱ نىڭ قايتا تىرىلگەن دەۋرىدىكى، يەنى 1661 - 1679 - يىللىرىدىكى بىر قېتىملىق پارلامېنتنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قېتىملىق پارلامېنتقا قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى پادىشاھپەرەسلەر پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى بولغانلىقتىن، <رىتسارلار پارلامېنتى> دەپمۇ ئاتالغان.