Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۇتۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېرىشمەكچى بولغان، ئېرىشىلگەن نەتىجە، ئۈنۈم.
جاپالىق ئەمگەك + توغرا ئۇسۇل + قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىش = مۇۋەپپەقىيەت. گۈزەل چىراي ھامان كېتىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇتۇق جاپالىق ئەمگەكتىن كېلىدۇ، تىرىشماي، كۈرەش قىلماي ئۇتۇق قازىنىش يوق گەپ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ياخشى نەتىجە.
مەغلۇبىيەت
يامان نەتىجە.
مۇۋەپپەقىيەت - ئۈمىد بىلەن كۈرەشنىڭ بىرىكمىسى. ئۇتۇق - جاپالىق ئەمگەكنىڭ سىمكىرى. مەغلۇبىيەت تەجرىبىسى بولمىغان مۇۋەپپەقىيەت قازانماس. مۇۋەپپەقىيەت مەغلۇبىيەت تۇپرىقىدىن ئۈنەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئېرىشكەن نەتىجە، مۇۋەپپەقىيەت، غەلىبە .
مەن بۇ جاۋابنى بۇ قېتىمقى زىيارىتىمنىڭ مۇھىم بىر ئۇتۇقى دەپ، ئىنتايىن خۇش بولدۇم .
خىزمەت، ئىش قاتارلىقلارنى يەكۈنلەش داۋامىدىكى ئىجابىي تەرەپلەر؛ نەتىجە .
بىر ئادەمنىڭ خىزمىتىدە ئۇتۇق يەتتە ئۈلۈش كەمچىلىك ئۈچ ئۈلۈش بولسا ئۇنىڭ خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن ياخشى بولغان بولىدۇ . ئەرلەرنىڭ ئىسىمى .
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
غەلىبە، يېڭىش، نەتىجە
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
ئۇتۇق قازانغۇچى، يەڭگۈچى، نەتىجە قازانغۇچى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇتۇق قازىنىش، غەلىبە، يىڭىش، نەتىجە يارىتىش.