Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئۇترېچ ئىتتىپاقى
دائىرە: دۇنيا تارىخى乌得勒支同盟
wū dé lè zhī tóng méng
نېدېرلاندىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە، شىمالدىكى يەتتە ئۆلكە ۋە جەنۇبتىكى قىسمەن شەھەرلەر 1579 - يىل 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئۇترېچ (ھازىرقى گوللاندىيە چېگرىسى ئىچىدە) شەھىرىدە قۇرغان ھەربىي، سىياسىي ئىتتىپاق. ئىتتىپاق ئاساسەن ئارراس ئىتتىپاقى بىلەن قارشىلىشىپ، شىمالدىكى ئىنقىلاب مېۋىسىنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلغان. بىرلىككە كەلگەن ئارمىيە قۇرۇش، بىرلىككە كەلگەن باج پىرسەنتى، پۇل تۈزۈمى ۋە ئۆلچەم بىرلىكىنى ئىشلىتىش، ئورتاق ھەربىي ۋە تاشقى سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقىشنى بەلگىلىگەن. ئىتتىپاق شىمالدىكى يەتتە ئۆلكىنىڭ ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئۈزۈل - كېسىل قۇتۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆلكە بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش ئۈچۈن ئاساس سالغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.