Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئۇستاشا
دۇنيا تارىخى
乌斯塔沙
wū sī tǎ shā
كرودىيىدىكى بىر فاشىستىك تەشكىلات. 1929 - يىلى ئىتالىيىدە قۇرۇلغان. كاتتىبېشى ئانتى پاۋېلىچ (1889 - 1959)، تەشكىلات ئىسمى. رىۋايەتلەردىكى كرودىيىلىك ئىسيانكارنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ قائىدە - يۇسۇنلىرى ۋە كىيىم - كېچەكلىرى تامامەن ئىتالىيە فاشىستىك پارتىيىسىنىڭكىگە ئوخشاش. ئۇلار كرودىيىنىڭ يۇگوسلاسىيىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولۇشىنى تەلەپ قىلاتتى. 1941 - يىلى 4 - ئايدا يۇگوسلاۋىيە ئوق مەركىزى دۆلەتلەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئاساسەن ئىتالىيىگە بېقىنغان. ئۇلار <كرودىيە مۇستەقىل دۆلىتى> نىڭ ھوقۇقىنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن، كرودىيە چېگرىسى ئىچىدە كەڭ - كۆلەملىك تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، سېربلار ۋە يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلغان ھەمدە گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە ئارمىيىسىگە ماسلىشىپ، يۇگوسلاۋىيە خەلق ئازادلىق پارتىزان ئەترىتى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. ئىتالىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، گېرمانىيىگە بېقىنغان. 1944 - يىلى 5 - ئايدا، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ يەتتىنچى قېتىملىق ھۇجۇمى بىتچىت قىلىنغاندىن كېيىن پارچىلىنىپ كەتكەن.