Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۇستانوۋكا
پسىخولوگىيە
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پسىخولوگى ئۇزنادزېنىڭ نەزەرىيىسى، بويىچە ئالغاندا، ئۇستانوۋكا (خاھىش ياكى مايىللىق) ئادەمنىڭ ئەتراپىدىكى شەيئىلەرنى بەلگىلىك ئۇسۇل بىلەن ئىدراك قىلىش، ئۇنىڭغا باھا بېرىش ۋە ھەرىكەت قىلىشىدىكى ئىچكى تەييارلىق ھالىتى، يەنى مەلۇم پسىخىك پائالىيەتتىن شەكىللەنگەن مايىللىقنىڭ تەييارلىق ھالىتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىش پائالىيىتى ئىلگىرىكى بىلىم، تەجرىبىلىرى تەسىرىدە پسىخىكا جەھەتتە بىر خىل تەييارلىق ھالىتىدە بولىدۇ، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا توغرا كەلگەندە، دائىم بەلگىلىك مايىللىق پەيدا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى ھەرىكەتنىڭ يۈزلىنىشى بەلگىلىنىدۇ، ئۇستانوۋكا تەپەككۇر مايىللىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىش پائالىيىتىدىكى پسىخىك يۈزلىنىش دەرھاللا تەشكىللىنىپ كېتەلمەيدۇ، ئۈگىنىش پائالىيىتى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ ئۈچۈن پسىخىكا جەھەتتە تەييارلىق قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۈگىنىش پائالىيىتى بەلگىلىك يۆنىلىشكە ئىگە بولىدۇ.
ئۇستانوۋكىنى سىستېمىلىق تەقىق قىلىش ۋە دەلىللەش ئىدراكتىن باشلانغان. گىرمانىيىلىك پسىخولوگ فېخنېر 1860 - يىلى ئېغىرلىق سەزگۈسىدىكى خاتالىق ئۈستىدە تەجرىبە ئىشلىگەن. يەنى 1889 - يىلى گىرمانىيىلىك پسىخولوگلاردىن موللېر بىلەن شۇمان ئېغىرلىق سەزگۈسىدىكى خاتالىق ئاساسىدا مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئەڭ ئاۋۋال «ھەرىكەت ئۇستانوۋكىسى» ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئادەم ئېغىر نەرسىنى كۆتەرگەندە ئالدىدا چوڭراق ھەرىكەت ئىمپۇلىسى قوزغىلىدۇ، يىنىك نەرسىنى كۆتەرگەندە ئەكسىچە بولىدۇ. كېيىن ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى نەرسىنى كۆتەرگەندە ئالدىدا چوڭراق كۈچ سەرپ قىلىپ، كېيىن ئازراق كۈچ سەرپ قىلماقچى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقىسى بەك يىنىك بىلىنىپ، كېيىنكىسى ئېغىر بىلىنىدۇ. كېيىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پسىخولوگى ئۇزنادزې بۇ ھەقتىكى ئۇقۇمنى ئىسلاھ قىلىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىر خىل ئۇستانوۋكا نەزەرىيىسىگە ئايلاندۇردى، ئۇستانوۋكا مۇشۇ گۇرۇھنىڭ ئاساسىي ئۇقۇمى بولۇپ قالدى. ئۇزنادزې بىر قاتار ئېكىسپېرمىنتال تەجرىبىلەر ئارقىلىق ئۆز نەزەرىيىسىنى ئىسپاتلىدى. مەسىلەن، تەجرىبە قىلىنغۇچىغا چوڭ - كىچىكلىكى بىر خىل بولمىغان ئىككى توپنى بىر قانچە قېتىم (10 دىن 15 قېتىمغىچە) كۆرسىتىپ، توپلارنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى توغرىسىدىكى ھۆكۈمگە مايىللىقنى مۇستەھكەملەيدۇ. كېيىن چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش ئىككى توپنى تەجرىبە قىلىنغۇچىغا كۆرسەتكەندە بىرى چوڭ، بىرى كىچىك ئىكەن دەيدۇ. دېمەك ئۇستانوۋكا تەجرىبە قىلىنغۇچىدا مۇستەھكەم پسىخىك ھالەت بولۇپ شەكىللەنگەنلىكتىن، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى نەرسىنى ئىدراك قىلىشىغا تەسىر قىلغان. شۇڭلاشقا، ئوخشاش چوڭلۇقتىكى توپلارنى بىرى چوڭ، بىرى كىچىك ئىدراك قىلغان. مانا بۇ «ئۇستانوۋكا خاتا سەزگۈسى» دېيىلىدۇ. ئۇزنادزې يەنە مەلۇم جەھەتتە شەكىللەنگەن ئۇستانوۋكىنىڭ باشقا جەھەتتە ئىپادىلەنگەنلىكىنى بايقىغان. مەسىلەن، توپ ئارقىلىق تېگىش سەزگۈسىدە پەيدا قىلىنغان ئۇستانوۋكا كۆرۈش سەزگۈسىگە كېڭەيگەن؛ تەجرىبە قىلىنغۇچى ئوخشاش چوڭلۇقتىكى چەمبەرلەرگە قاراپ، بۇلارنىڭ چوڭلۇقى ئوخشاش ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. يۇقىرىقى پاكىتلارغا ئاساسەن ئۇزنادزېنىڭ پىكرىچە، ئۇستانوۋكا قىسمەن پسىخىك ھادىسە ئەمەس، بەلكى سۇبيېكتنىڭ ئىندىۋىدۇئال دىنامىك ھالىتى بولۇپ، نېرۋا «مەركىزى» خاراكتېرىگە ئىگە، ئۇستانوۋكا ئىندىۋىدنىڭ بەلگىلىك پائالىيەتكە تەييارلىقىنىڭ مۇكەممەل ھالىتى بولغانلىقتىن، ئۇ بىر خىل يۈزلىنىش، «كىشىنىڭ ماھىيەتلىك كۈچى» بولۇپ، پائالىيەت بىر پۈتۈن مايىللىققا ئايلانغان.
ئۇستانوۋكا ئىككى خىل بولىدۇ: بىر خىلى «خاتا سەزگۈ ئۇستانوۋكىسى»، بۇ بىر خىل ھالەتنى كۆپ قېتىم ئىدراك قىلىپ، تاشقى ھالەتتىكى سەلگىنە ئۆزگىرىشكە ماسلىشالمىغانلىقتىن پەيدا بولغان خاتا سەزگۈ. كىشى يېڭى مەسىلىگە يۇلۇققاندا كۆپىنچە، كونا ئۇسۇلنى ئۆز پېتى قوللىنىمەن دەپ، ئۇستانوۋكىنىڭ پاسسىپ تەسىرى ئارقىسىدا تەپەككۇر چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، جانلىق كەڭ دائىرىلىك بولالماي، شۇنىڭ بىلەن يېڭى ئۇسۇل تاپالماي قېلىپ مەسىلىنى ھەل قىلالماي قالىدۇ. مەسىلەن، ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىغا سەرەنگە ئارقىلىق تەكشىلىكتە ئۈچ بۇلۇڭلۇق شەكىل ياسىتىپ، تەجرىبىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، يەنە 6 تال سەرەنگە ياغىچى بىلەن 4 ئۈچ بۇلۇڭ ياساڭلا دېيىلسە، ئوقۇغۇچىنىڭ ئېرىشكەن تەجرىبىسى بىر تەرەپلىمىلىك بولغانلىقتىن، 4 ئۈچ بۇلۇڭنى ياسىيالماي قىينىلىدۇ. مانا بۇ بىر تەرەپلىمىلىك تەجرىبىنىڭ مەسىلىنى توغرا ھەل قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىشى. ئۇستانوۋكىنىڭ بۇ خىل پاسسىپ تەسىرى تەربىيە ئەمەلىيىتىدە بىر قەدەر ئومۇمىي ئەھۋال. تاپشۇرۇق ئىشلەشتە ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن خىلمۇ خىللاشتۇرۇش ئۇتانوۋكىنىڭ پاسسىپ تەسىرىنى تۈگىتىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى. يەنە بىر خىلى ئۇيغۇن ئۇستانوۋكا. سۇبيېكت كۆز ئالدىدىكى ئەھۋالغا ماسلىشاي دېگەندە، ئۇيغۇن ئۇستانوۋكا تەسىرى بىلەن توغرا ئىدراك قىلىپ، ماس ھالدا ھەرىكەت قىلىدۇ. مۇنداق توغرا ئۇستانوۋكا ئادەمنىڭ پائالىيىتىدە زۆرۈر ئارىلىق ھالقا ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، ئوقۇغۇچىلار بىرەر شەيئىنى كۆزەتكەندە، ئۇستانوۋكا رولى بىلەن بۇ شەيئىنى تېز ۋە توغرا تونۇۋالىدۇ. ئۇيغۇن ئۇستانوۋكا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ھەم ياردەم بېرىدۇ. كىشىلەر ئومۇمەن مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشنىڭ بىر خىل پرىنسىپ ۋە ئۇسۇلىنى بىلىۋالسا، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر خىل يۈكسەك دەرىجىدە ماسلىشىش يۈلىنىشى ھاسىل بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا مەسىلىنى بىرلا پرىنسىپ بىلەن تېز ھەل قىلىدىغان بولۇپ، بەلكى مەسىلىنى ھەل قىلىشى ئاپتوماتلىشىشقا مايىللىشىدۇ. بۇ بىلىم، ماھارەتنى كۆچۈرۈشتە ئىپادىلىنىدۇ.