Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئۇستا باردا قولۇڭنى تارت، موللا باردا تىلىڭنى تارت
تۇراقلىق ئىبارىلەر
师傅跟前别动手,毛拉面前莫动口
shī fù gēn qián bié dòng shǒu ,máo lā miàn qián mò dòng kǒu
بۇ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا بىلەرمەنلىك، گەپدانلىق قىلىپ سۆزگە لوقما سالماسلىقىنى، بىراۋنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىپ ئۇستىلىق قىلماسلىقنى بىلدۈرىدۇ: ئۇ خېلىدىن بۇيان سۆزلىنىۋاتقان ھېكايىلەرنى ئىچىدە باشتىن - ئاياغ بىر قېتىم ئەسلەپ چىقتى - دە: - دەرھەقىقەت، ئاتا - بوۋىلار «ئۇستا باردا قولۇڭنى تارت، موللا باردا تىلىڭنى تارت» دەپتىكەن، مەن بۈگۈن نۇرغۇن بىلمىگە ئىگە بولدۇم، - دېدىم.