Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئۇسساش سەزگۈسى
پسىخولوگىيە
渴觉
kě jiào
ئورگانىزمدا سۇ كەمچىللىكنىڭ ئورگانىزمدىكى سۇنى تەڭشەش نېرۋا سىستېمىسىدا قوزغىلىش پەيدا قىلىشى بىلەن ھاسىل بولىدۇ. ئۇسساش سەزگۈسى ئېغىز بوشلۇقى ۋە كېكىرتەكتىكى رېتسىپتورلارغا باغلىق ئەمەس، شۇنىڭدەك پەقەت قان سۇيۇقلۇقىدىكى خىمىيىۋى تەركىبلەرنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئەكس ئېتىدىغان ئىچكى رېتسىپتورلارغىمۇ باغلىق ئەمەس، چۈنكى يالغاندىن سۇ ئىچىش تەجرىبىسىدە، نورمال ھالەتتىكىدىن 5 - 6 ھەسسە ئارتۇق سۇ ئىچكەندىمۇ ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرغىلى بولمايدۇ، ئەمەلدە سۇ ئىچكەندىن كېيىن، ئىچىلگەن سۇ تېخى قانغا ئارىلاشقىدەك ۋاقىت ئۆتمەستىنلا، ئۇسسۇزلۇق قېنىپ بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئاشقازاندىكى رېتسىپتورلارنىڭ ئۇسساش سەزگۈسىدىكى مۇھىم رولىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. دېمەك، ئۇسساش سەزگۈسى ئىچكى تۈرلۈك رېتسىپتورلارنىڭ مۇرەككەپ سىگناللىرىنىڭ رولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.