Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۇششاق
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئاشىقلار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەجمى، ئۆلچىمىي چوڭ بولمىغان.
«كىچىك» ئەڭ ئومۇمىي، ھەممىگە چۈشىدۇ.
كۆز كىچىك بولغىنى بىلەن كۆرىدىغىنى چوڭ. بالىلىرىم ئۇششاق، پۇتۇمغا چۈشەك. ئېگىز تاغ مەيدە - مەيدە زەررىدىن تۈزۈلگەن. ئۇتۇن ئۇۋىقى بىلەن يانىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھەجمى، گەۋدىسى، ياش - قۇرامى ئىززىتى... نىسبەت قىلىنغان ئوبيېكتتىن تۆۋەن.
چوڭ ، يوغان، كاتتا، زور، ئۇلۇغ
ھەجمى، گەۋدىسى، ياش - قۇرامى ئىززىتى... نىسبەت قىلىنغان ئوبيېكتتىن يۇقىرى، ئۈستۈن.
ئۇرۇق قوينىڭ مايىقى چوڭ. ئورۇق ئۇيغا يوغان مۈڭگۈز. يوغان بېلىقنىڭ يېنىدا ئۇششاق بېلىققا كۈن يوق. ئەخمەقنىڭ چوڭ - كىچىكى يوق. باش كىچىك، تۇماق يوغان، بەكە كىچىك، غىلاپ يوغان. پۇتى كىچىك چاققاننى كىيەر، پۇتى يوغان تاپقاننى. كاتتىغا كاتتىچە، مەيدىگە مەيدىچە. ئۇششاق بالىلار ئوينايدۇ، تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ. ئوتۇن ئۇششىقى بىلەن كۆيەر. تاغ ھەرقانچە ئېگىز بولسىمۇ، كۈننى توسۇيالماس. بىلىملىك ئوغۇل ئاتىسىدىن ئۇلۇغ. ئۇلۇغ ئادەم بۈيۈك تاغقا ئوخشايدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىسىملاشقان؛ كىچىكلەر، كىچىك كىشى...
چوڭ ، ئۇلۇغ، كاتتا
ئىسىملاشقان؛ چوڭلار، چوڭ كىشى...
چوڭ يۈزىنى ئاچسا، كىچىك كۆتىنى ئاچار. بىر چوڭنىڭ گېپىگە كىر، بىر كىچىكنىڭ. چوڭ ئىززەت قىلسا، كىچىك خىزمەت قىلىدۇ. بۈگۈنكى تويغا ئۇلۇغ - ئۇششاق ھەممە كەلدى. ئەقىللىق ئەخمەق ئەخمەقلەرنىڭ كاتتىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ھەربىر بۆلىكى، پارچىسى، دانىسى ناھايىتى كىچىك.
ئوتۇن ئۇششىقى بىلەن كۆيەر (ماقال).
ياش جەھەتتىن تۆۋەن، كىچىك.
ئۇنىڭ كۆزى بۇ سەپنى تۈزگەن ياش يىگتلەر، ئاپئاق ساقال بوۋايلار، ئاياللار، مومايلار، ئۇششاق بالىلارغا تىكىلدى.
كىچىك بېسىلغان، قىسقا.
ساماۋارچى ئۇششاق قەدەملەر بىلەن يورغىلاپ مېڭىپ ئالدىدا يول باشلىدى.
كۆچمە. ئانچە ئەھمىيىتى، زۆرۈرىيىتى بولمىغان؛ ئاددىي.
سېخلار ئۆزى بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئۇششاق ئىشلار كۈن بويى ياچېيكا يېغىنىدا سۆزلىنىپ تۇراتتى.