Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۇشاكوۋ
دۇنيا تارىخى
(1744 - 1817) روسىيە دېڭىز ئارمىيە ئادمېرالى. كىچىك ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دېڭىز ئارمىيە ھەربىي تەييارلىق مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇزۇن مۇددەت بالتىق دېڭىز فلوتىدا ۋە ئازوۋ دېڭىز رايونى فلوتىدا خىزمەت قىلغان. 1768 - 1774 - يىللاردىكى روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1787 - 1791 - يىللاردىكى روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى جەريانىدا قارا دېڭىز فلوتىدا قوماندان بولغان (1790). كۆپ قېتىم تۈركىيە دېڭىز ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىشقا قوماندانلىق قىلغان. 1798 - 1800 - يىللىرى فلوتنى باشلاپ جەنۇبقا بېرىپ، ئوتتۇرا دېڭىزدا فرانسىيە ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. ناپولېئون بېسىۋالغان ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، بىر مەزگىل نېئاپول ۋە رىمنى بېسىۋالغان. 1807 - يىلى خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلانغان.