Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۇرۇش
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسمداش.
مۇشتلىشىش، ياقىلىشىش،چاچلىشىش، تاكاللىشىش، سوقۇشۇش، جېدەل، ماجىرا، نىزا.
خوتۇن تۇغقىنى كەلسە، گۆش بىلەن گۈرۈچ، ئەر تۇغقىنى كەلسە، ئۆيدە ئۇرۇش.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
(« ئۇرۇش Ⅰ »<) جەڭ، ئېتىش، غازات، مۇھارىبە.
ئۇرۇش رايونى، ئۇرۇش ۋاقتى، ئۇرۇش خەۋەرلىرى، ئۇرۇش تۇمانلىرى.* ئۇرۇشنىڭ بىرى جەڭ، توققۇزى رەڭ (ماقال).
ئالەمنى بىلگەنلەر دېيىشەر ھامان،
ئۇرۇش تاشقىرىدىن كۆرۈشكە ئاسان.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئۇرۇشماق، ئۇرۇشۇش.
ئۇلار ئۇرۇشۇپتۇ، باش - كۆزىنى يېرىشىپتۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇش <ئۇرۇش>، <سوقۇش> ئومۇمىي ئاتىلىشى.
<جەڭ> ئۇرۇشنىڭ مەلۇم دائىرە، مەلۇم ۋاقىت ئىچىدىكى ئايرىم بۆلىكى. خەنزۇچە: 战. كونكرېت ئەھۋالدا <كۈرەش> مەنىسىنى بېرىدۇ.
<ئېتىشىش> ئىككى تەرەپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر - بىرىگە
ئالەمنى بىلگەنلەر دېيىشەر ھامان، ئۇرۇش تاشقىرىدىن كۆرۈشكە ئاسان. شۋېيتسارىيىدە 600 يىلدىن بېرى سوقۇش بولماپتۇ. جەڭ تۈگىمەي ئېتىڭنىڭ ئېگىرىنى ئالما. تىنچ پۈتەر ئىشقىمۇ جەڭ - يېغا ئاچقان، ئادەمنىڭ ئەقلىنى، دېمەك، چاڭ باسقان. 1945 - يىلىنىڭ باشلىرىدا ماناستا قاتتىق ئېتىشىش بولغان. يېغا چىقسا، يىراق تۇر. يېغىلىقتا يات ياخشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پىكىر ئىختىلاپى ياكى دىل ئازارلىقتىن چىققان تالاش - تارتىش، جېدەل.
خوتۇن، تۇغقىنى كەلسە، كۈندە گۈرۈچ؛ ئەر تۇغقىنى كەلسە، كۈندە ئۇرۇش. سوقۇش - ئىناقلىقىنى بۇزىدىغان زەھەرلىك دورا. تۆردىكى بىلەن ئۇرۇشقىچە، قازان بېشىدىكى بىلەن مۇشتلاش. مۇشتلاشتا ئارىچى ئازابلىنار.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
دۆلەتلەر، مىللەتلەر، گۇرۇھلار ئارىسىدا بولغان قوراللىق كۈرەش.
تىنچلىق، سۈلھ
دۆلەتلەر، مىللەتلەر، گۇرۇھلار ئارىسىدا بولغان قوراللىق كۈرەش توختىغان ھالەت.
ئۇرۇش - تالاشتىن باشلىنىدۇ. ئۇرۇشنى بىلمىگەن كۈچلۈكنىڭ كۈچى زايا. جەڭگە كەتكەننىڭ ھەممىسى جەڭچى ئەمەس. ئۇرۇشنىڭ يېگىنى پۇل، ئىچكىنى قان. سوقۇشنىڭ كۆزى سوقۇر. ئۇرۇش - خان - پادىشاھلارنىڭ ئىچ پۇشۇقى. يېغىدىن يار بويى قاچ. يېغىلىقتا يات ياخشى. تەڭگىدىن تىنچلىق قىممەت. سۈلھ جەڭدىن ياخشىراق بولار. ھوشيار بول، كەتمىسۇن قولدىن مال ۋە جان.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۇرۇش، ئۇرۇشۇش.
1 - 83
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قەبىلىلەر، دۆلەتلەر ياكى ئىجتىمائىي سىنىپلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قوراللىق كۈرەش، توقۇنۇش، جەڭ.
ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى. ئۇرۇش تەييارلىقى.