Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئۇرۇقداشلىق
ئۇنىۋېرسال
家族
jiā zúDتارىخ
宗族
zōng zú
ئۇنىۋېرسال
(ئى)
(1)dǐ zú (2)kē
(1)氐族(2)科
دىنى سۆزلۈكلەر
宗法
zōng fǎ
دۇنيا تارىخى
氏族
shì zú
ئۇرۇقداشلىق جامائەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي بىرلىكى بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساس قىلغان، قانداشلىق ۋاسىتىسى ۋە قانداشلىق شەجەرىسى بىرلەشتۈرۈلگەن ئىجتىمائىي تەشكىلات شەكلى. بۇ خىل شەكىل دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ ئىنسانلار جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر بېسىپ ئۆتىدىغان باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. گرېتسىيىدىكى گېنوس، رىمدىكى گېنس. ئېرلاندىيىدىكى سېپت، شوتلاندىيىدىكى كلان، قەدىمكى ھىندىستاندىكى گاناسلار شۇلار جۈملىسىگە كىرىدۇ. بۇنىڭ ئاساسى قانداشلىق ئائىلە (يەنى قانداشلىق نىكاھ ئۇرۇقداشلىق) جامائەسى، يەنى بۇرۇنقى ئۇرۇقداشلىق جامائەسى تەخمىنەن نادانلىق دەۋرنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچىنىڭ ئاخىرى (يېڭىلىنىش دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچىنىڭ ئاخىرى، كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىنىڭ ئاخىرى، دەسلەپكى ئەقىللىق ئادەم دەۋرى) دىن باشلاپ ئۇرۇقداشلىققا ئۆتكەن. جاھالەت دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى باسقۇچىلىرى ئالمىشىۋاتقان دەۋردە (يېڭىلىنىش دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى، كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى، كېيىنكى ئەقىللىق ئادەم دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى) ئۇرۇقداشلىق شەكىللەنگەن. بۇنداق ئۆتۈشۈش مۇنداق ئىككى يولنىڭ ئۆزئارا بىرلىشىشى ئارقىلىق بولغان. يەنى: بىرى، كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىللىردە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرش، چوڭ ھايۋانلارنى ئوۋلاش ئۈچۈن، قانداشلىق ئائىلە جامائەسىنىڭ ئىكچى قىسمىدا ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغان (تۇرالغۇنى مۇقىملاشتۇرۇش مۇشۇنداق ئالاقە ئۈچۈن ئىمكانىيەت ياراتقان)؛ يەنە بىرى، قانداشلىق نىكاھ ئۇرۇقدىشىنىڭ ئورنىنى توپ نىكاھلىق ئۇرۇقداشلىقى ئېلىپ نىكاھ مۇناسىۋىتى جامائەنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىلگەن. يەنى باشقا ئۇرۇقلار بىلەن نىكاھلىنىش يولغا قويۇلغان (جامائەلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ئورنىتىلغان). باشقا ئۇرۇق بىلەن توپ نىكاھلىنىش يولغا قويۇلغان ھامان، قانداشلىق ئائىلە جامائەسى ئۆزگىرىپ مۇستەھكەم بولغان ماترىئارخال قانداشلىق گۇرۇھىغا، يەنى ماترىئارخاللىق ئۇرۇقداشلىق بولۇپ مۇقىملاشقان. ئۆزئارا نىكاھلانغان ئۇرۇقلار بىرلىشىپ، دەسلەپكى قەبىلىلەرنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇرۇقداشلىق ماترىئارخاللىق ئۇرۇقداشلىق ۋە پاترىئارخاللىق ئۇرۇقداشلىقتىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچنى باشتىن كەچۈرگەن. ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق ۋارۋارلىق دەۋرىنىڭ تۆۋەن باسقۇچىغا (يېڭى تاش قوراللار دەۋرى) گە كەلگەندە ئومۇميۈزلۈك روناق تاپقان. ۋارۋارلىق دەۋرنىڭ ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى باسقۇچلىرىدا (برونزا دەۋرى ۋە تۆمۈر قوراللار دەۋرى) ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئەمگەك ئىش تەقسىماتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، پاترىئارخاللىق ئۇرۇق پەيدىنپەي ئانىلىق ئۇرۇقنىڭ ئورنىنى دەسسىگەن. ئۇرۇقداشلىق مۇنداق ئالاھىدىلىككە ۋە فۇنكىسىيىگە ئىگە بولغان: ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇرۇقنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكىدە بولۇشى - ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىدىكى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى بولغان، ئۇرۇق ئەزالىرىنىڭ ئورنى باراۋەر بولغان، سىنىپمۇ، ئېكسپىلاتاتسىيىمۇ بولمىغان؛ ئۇرۇق ئاقساقىلى باشچىلىقىدىكى باشقۇرۇش ئورگىنى بولۇپ، ئۇرۇق ئاقساقىلى ئۇرۇق ئەزالىرى تەرىپىدىن سايلانغان ياكى ئالماشتۇرۇلغان؛ ئۇرۇقنىڭ ئىچكى قىسمىدا نىكاھلىنىش مەنئى قىلىنغان، ئۆلگەندىن كېيىنكى مىراس ئۇرۇق ئىچىدە قالغان، ئۇنىڭغا شۇ ئۇرۇقنىڭ ئەزالىرى ۋارىسلىق قىلغان؛ ئوخشاش ئۇرۇقتىكىلەرنىڭ ئۆزئارا ياردەم قىلىش، قوغداش ۋە قان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىش مەجبۇرىيىتى بولغان. ئۇرۇقنىڭ ئۆز نامى، ئورتاق دىنىي بايراملىرى ۋە قەبرىستانلىقى بولغان. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ۋە سىنىپلرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇرۇقداشلىق پارچىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. سىنىپىي جەمئىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئۇرۇقداشلىقنىڭ بەزى قالدۇقلىرى ئوخشاشمىغان دەرىجىدە ساقلىنىپ قالغان.