Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۇرماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاساسەن قول بىلەن ياكى تاياق - توقماق بىلەن ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن زەربە بەرمەك.
ئۇخلاۋاتقان ئىتنى ئۇرما. بەرسەڭ يەيمەن، ئۇرساڭ ئۆلىمەن. سوقماق ئاسان، باقماق تەس. يۇڭىنى ساۋايسەن، قوينى ساۋىما. بىراۋنى توقماقلىماقچى بولساڭ، دۈمبەڭدىن سورا. دۈشمىنىڭنى قوي دەپ كۈتمە، بۆرە دەپ دۇمبالا.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تىكلىمەك، ئۆزگەرتمەك، رەتلىمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قول ياكى بىرەر نەرسە بىلەن زەربە بەرمەك.
بىر كاچات ئۇرماق.
ئېشەكنى ئۇرغانغا ئات بولماس (ماقال).
بىرەر نەرسىگە قاتتىق تەگكۈزمەك، مۇشتلىماق، سوقماق.
مەيدىسىگە ئۇرماق. پالاق ئۇرماق. پۇتىنى يەرگە ئۇرماق.
تىغلىق قوراللار بىلەن كەسمەك، چاپماق؛ تىقماق، سانجىماق.
دۈشمەنگە نەيزە ئۇرماق. قىلىچ ئۇرماق.
شىددەت بىلەن تەگمەك، ئۇرۇلماق.
ئابرال تېغىدىن بولسا ئاچچىق، ئەمما ساپ ھاۋالىق تاغ شامىلى ئۇرۇپ تۇراتتى.
ئەتراپقا يېيىلماق، تارالماق.
ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن گۈپۈلدەپ ئۇرۇپ تۇرغان ھاراقنىڭ بۇسى مېنى سەسكەندۈرەتتى.
سوقماق، سالماق.
بۇ چاغدا خۇشاللىقتىنمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ ئاتىكەمنىڭ يۈرىكى ھەم تېز، ھەم قاتتىق ئۇرغىلى تۇردى.
سانجىپ، تىقىپ كىرگۈزمەك، سالماق.
ئوكۇل ئۇرماق. ۋاكسىنا ئۇرماق.
سىگنال، شەپە بېرىش ئۈچۈن بىرەر نەرسىنى تەگكۈزۈپ ئاۋاز چىقارماق.
داڭ ئۇرماق.
ھەسەن بىلەن قەمەر تاماقلىرىنى يەپ قوللىرىنى يۇيۇۋاتقاندا، بىرى دەرۋازىنى قاتتىق ئۇرۇپتۇ.
بەرمەك، سوقماق.
ۋارىس سەن ئالدىمىزدىكى تاش يول ئۇچاستىكىلىرىغا تېزدىن بىر تېلېفون ئۇرۇۋەت.
چالماق.
بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن، بىر ئادەمنىڭ مارىلاپ كېلىۋاتقان كۆلەڭگىسى كۆرۈندى ۋە ئۇ ئۈچ قېتىم چاۋاك ئۇردى.
بېسىپ ئىزىنى چۈشۈرمەك، باسماق.
بەش كوينى بەرسىڭىز نېمە ئۈچۈن بۇ قەغەزگە تامغا ئۇرمىدىم؟
كۆچمە. ساتماق.
ھېلىقى دېھقان سېتىۋالغان ئۆكۈز ۋە بۇغدىيىنى تاشقورغانغا ئاپىرىپ سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىغا قوتاز ئەكىلىپ قاسساپقا ئۇرىمەن دەيدۇ.
كۆچمە. جازاسىنى بەرمەك، جازالىماق.
خۇدا ئۇرغاننى يۆلىگىلى بولماس (ماقال).
خۇدا ئۇرىمەن دېسە ئاۋۋال ئەقىلدىن ئۇرىدۇ (ماقال).
بەزى ئىسىملار بىلەن كېلىپ، ئۇلارنى پېئىللاشتۇرىدۇ.
ئاھ ئۇرماق. بەرق ئۇرماق. مەۋج ئۇرماق. داد - پەرياد ئۇرماق. جۇش ئۇرماق.