Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۇردى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قويدى، ئۇردى.
ئەلكىندەكى نەڭنى يېردە ئۇردى _ قولىدىكى نەرسىنى يەردە قويدى. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: كۈمۈش كۈنگە ئۇرسا ئالتۇن ئازاقىن كەلىر _ كۈمۈش كۈنگە قونسا، ئالتۇن ئۆز ئايىقى بىلەن كېلەر. بۇ ماقال بىرەر مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، پۇلنى ئايىماي خەجلەشكە دەۋەت قىلىپ ئېيتىلىدۇ. ئول قۇلىن ئۇردى _ ئۇ قولىنى ئۇردى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق ( ئۇرۇر _ ئۇرماق).
1 - 223