Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئۇربانۇس
دائىرە: دۇنيا تارىخى乌尔斑二世
wū ěr bān èr shì
(تەخمىنەن 1042 - 1099) رىم پاپاسى (1088 - 1099). فرانسىيىلىك. ئەسلى ئىسمى ئېئودېس لاگېرى. كىليونى موناستىرنىڭ باشلىقى بولغان. 1084 - 1085 - يىللىرى پاپانىڭ گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولغان. تەختتىكى مەزگىلدە، ئۆزىدىن بۇرۇنقى گىرىگورى Ⅶ نىڭ سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، دىندىن سىرت ھۆكۈمرانلارنىڭ ئېپىسكوپلارنى بەلگىلەش ھوقۇقى بولۇشىغا قارشى تۇرغان. گېرمانىيىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقان. مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى ھېنرى Ⅳ نىڭ بالىسى ئاتىسىغا قارشى چىققاندا ئۇنى قوللىغان. 1095 - يىلى 11 - ئايدا كىلېرمو دىنىي يىغىنىدىن كېيىن نۇتۇق سۆزلەپ، <مۇقەددەس جاي> ئېروسالىمنى قۇتقۇزۇشنى باھانە قىلىپ ئەھلىسەلىپنىڭ تۇنجى قېتىملىق شەرققە يۈرۈش قىلىشىنى چاقىرغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.