Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۇقۇمنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى
پسىخولوگىيە
بۇ «ئۇقۇمنىڭ كېڭەيتىلىشى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەلۇم ئۇقۇمنىڭ مېغىزىنى ئازايتىش ئۇنى ھەجمى كەڭرەك ئۇقۇمغا ئايلاندۇرۇشنىڭ لوگىكىلىق ئۇسۇلى. مەسىلەن: «خاتىرە پسىخولوگىيسى» دېگەن ئۇقۇمنىڭ مېغىزىدىكى «خاتىرە» دېگەن بەلگىنى ئېلىۋەتسەك، «پسىخولوگىيە« دېگەن ئۇقۇمغا ئايلىنىدۇ. ئۇقۇم ھەجمىنىڭ كېڭىيىشى ئۇقۇم مېغىزىنىڭ ئازىيىشى بىلەن باغلىنىشلىق.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.