Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۇقۇبات
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شەرىئەت ئاتالغۇسى بولۇپ، ئىسلام شەرىئىتىدە مۇسۇلمانلارنىڭ گۇناھ سادىر قىلىش ۋە جازالىنىش توغرىسىدىكى ئەھكام - قائىدىلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇنىڭدا <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىس ئاساس قىلىنىپ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى فەقىھلەر تۈزگەن فىقھە ئەسەرلىرىگە قارىلىدۇ. بۇنىڭ مەزمۇنى ھاراق ئېچىش، ئوغرىلىق قىلىش، زىنا قىلىش، زىناخورلۇق تۆھمىتىنى چاپلاش، بۇلاڭچىلىق، مۇرتەدلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئەپۇ قىلغىلى بولمايدىغان ئالتە خىل گۇناھى كەبىرنى ۋە بەزى گۇناھى سەغىرلەرنى بېكىتىش ۋە جازالاشقا چېتىلىپ، مۇقىم جازا، تەئزىر جازا (ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىلىدىغان جازا) ۋە تەڭداش قىساستىن ئىبارەت ئۈچ خىل جازا قوللىنىلىدۇ. بۇ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار جىنايەتلىرىنى چەكلەيدىغان ئاساسىي ئەھكامى بولۇپ، كەڭ تەسىر كۆرسەتكەن. ئوخشاشمىغان مەزھەپ، فىقھلەر ئوتتۇرىسىدا پەرق مەۋجۇت. يېقىنقى زاماندىكى شەرىئەت ئىسلاھاتى ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئورنىنى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇنى ئىگىلەپ، شەرىئەت دائىرىسىگە مەنسۇپ بولمايدىغان بولدى. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدىن كېيىن، لىۋىيە، پاكىستان، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق ئەنئەنىۋى ئوقۇباتنىڭ چەكلەش كۈچىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئەسلىگە كەلتۈردى.