Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۇپانىشاد
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى ھىندىستان براخمان دىنىنىڭ كلاسسىك كىتابى. ئۇ <ۋېدا> كلاسسىك ئەسىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىسمى بولۇپ، <ۋېدانتا> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، مەنىسى <ۋېدانىڭ ئاخىرى> دېگەنلىك. براخمان دىنى تەرەققىي قىلىپ، <ئورمان كىتابى> ۋە <ئۇپانىشاد> دەۋرىگە كەلگەندە، نەزىر - چىراغ قىلىشقا ئەمەس، بەلكى پەلسەپىۋى قائىدىلەرگە ئېتىبار بېرىشكە باشلاپ، پىكرەنلىك يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلغان. بۇ كىتاب پەلسەپىۋى مۇھاكىمىلەر توغرىسىدىكى مۇھىم خاتىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، براخمان دىنىنىڭ پەلسەپە دەرسلىكىدۇر. ئومۇمەن نەسرىي ئەسەر بولۇپ، دادىسى ئوغلىغا، ئۇستازى شاگىرتىغا ئۆگىتىدىغان مەخپىي قائىدىلەردىن ئىبارەت. يەتكۈزۈش جەريانىدا يېڭى مەزمونلار ئۈزلۈكسىز قوشۇلۇپ تۇرغانلىقتىن، مەنىسىنى يېشىشتىكى ئىختىلاپلار كۈنسايىن ئېغىرلاشقان، ئۇپانىشادمۇ كۈنسايىن كۆپەيگەن، ئۇنىڭ ھازىر ساقلىنىۋاتقان تۈرلىرىلا 100 خىلدىن ئاشقان. ئادەتتە ئۇلارنىڭ ئىچىدە قەدىمكى ۋېدا ئەسەرلىرىگ كىرىدىغىنى پەقەت 13 خىل دەپ قارىلىدۇ. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ - Ⅴ ئەسىرلەردە كىتاب بولۇپ چىققان. مەزمونى ناھايىتى ئارىلاش بولۇپ، ئاساسىي مەزمونى <بۇت مەن بىلەن بىللە> ۋە <ئايلىنىپ قۇتۇلۇش> تىن ئىبارەت. <ئۇپانىشاد> ئىدېئالىستىك ۋېدانتا ئېقىمى پەلسەپىسىنىڭ مۇھىم تىپىك ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.