Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۇنۋېرسال تەتقىقات ئۇسۇلى
پسىخولوگىيە
بۇ بىر كىشىنىڭ خاراكتېرىنى تەتقىق قىلىش ياكى پەرق ئېتىش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت. يەنى كۆزىتىش، سۆھبەتلىشىش، ئەسەرلىرىنى ئانالىز قىلىش، ئارخىپلىق تەكشۈرۈشلەرنى بىرلەشتۈرۈپ قوللىنىشتىن ئىبارەت. بۇنىڭدا بىر كىشىنىڭ تۈرلۈك تاشقى ئىپادىلىرى پىلانلىق كۆزىتىلىدۇ. سۆھبەت ئارقىلىق ئۇنىڭ تۈرلۈك ئەھۋاللار ئاستىدىكى پوزىتسىيىسى ۋە ھەرىكەت ئىپادىلىرى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئىگىلەپ ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىشلىگەن ئىشلىرى مەسىلەن: خەت - چەك، كۈنلۈك خاتىرە، تەرجىمىھال، سەنئەت ئەسەرلىرى يىغىپ ئېلىنىپ، ئۇنىڭ تۈرلۈك شەيئىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى بىلەن ھەرىكەت ئىپادىسى ئىگىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تاڭ مۇناسىۋەتلىك زىيارەتلەر ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆتمۈش ئەھۋالى ئىگىلىنىدۇ. ئېرىشىلگەن ماتېرىياللار سىستېمىلىق ئانالىز قىلىنىپ، رەتلىنىپ سۆز - ھەرىكەتلىرى بىلەن تاشقى قىياپىتىدىكى خاراكتېر ئالاھىدىلىكى ۋە تىپى ئېنىقلاپ چىقىلىدۇ.