Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئۇنتۇش
تەنتەربىيە,مائارىپ
遗忘
yí wàng
پسىخولوگىيە
遗忘
yí wàng
بۇ ئەستە قالدۇرۇلغان شەيئىنى تونۇيالماي ياكى ئەسكە چۈشۈرەلمەي قېلىشتىن ئىبارەت. ئۇنتۇش بىلەن ئەستە ساقلاش قارىمۇ قارشى ئىككى جەريان. دېمەك، ئۇنتۇش ئەستە ساقلىنىشنىڭ يوقىلىشى ياكى توسقۇنغا ئۇچرىشىدىن ئىبارەت. ئۇنتۇش نورمال بولغان فىزىئولوگىيىلىك ۋە پسىخىك ھادىسە. ئەستە ساقلاشقا تېگىشلىك ئۇچۇرنىڭ ئۇنتۇلۇشى سەلبى ھال بولسىمۇ، لېكىن شاللىۋېتىشكە تېگىشلىك ئۇچۇرنىڭ ئۇنتۇلۇشى ئىجابىي ئەھۋال. دېمەك، ئۇنتۇشتىمۇ ئىجابىي تەرەپ بار.
ئۇنتۇش ئىككى خىل بولىدۇ: بىرى، مەڭگۈلۈك ئۇنتۇش، يېڭىدىن ئۆگەنىگىچە ئەسكە كەلمەيدىغان ئۇنتۇش. يەنە بىرى، ۋاقىتلىق ئۇنتۇش، يەنى بىر مەزگىل ئەسكە چۈشمىسىمۇ، لېكىن مۇۋاپىق شارائىت ئاستىدا يەنە ئەسكە كېلىدىغان ئۇنتۇش. مەسىلەن: بەزى بىر سۆز - ئىبارىلەر كېرەك بولغاندا يادىمىزغا كەلمەيدۇ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە يادىمىزغا كېلىدۇ، مۇنداق پسىخىك ھادىسىلەر سىنىپتا دەرس ئۆتكەندە جىق ئۇچرايدۇ، ئوقۇغۇچى پىششىق يادلاپ ئالغان بىر شېئىرنى ئالدىغا چىقىپ ئوقۇش تەلەپ قىلىنسا، تولۇق ئوقۇپ بېرەلمەي قالىدۇ، ئورنىغا بېرىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن تولۇق ئېسىگە كېلىدۇ، مۇنداق ئەھۋال ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئۇنتۇشنىڭ فىزىئولوگىيىلىك مىخانىزمى، بىر تەرەپتىن، ئەستە قالدۇرۇلغاندىن كېيىن ۋاقىتلىق نېرۋا باغلىنىشى كۈچەيتىلمىگەنلىكتىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆچۈپ كەتكەنلىك؛يەنە بىر تەرەپتىن، بەزى توسقۇنلۇق تۈپەيلىدىن تورمۇزلىنىپ قېلىش. توسقۇنلۇق قىلغان تەسىر تاشقى كۈچلۈك تەسىر بولۇشى، شۇنىڭدەك كىشىنىڭ ئۆزى جىددىي بىر ھالەتكە كېلىپ قالغاندا شەكىللەنگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇنتۇش جەريانىنىڭ تېزلىكى تەكشى بولمايدۇ. ئۇنىڭدا مەلۇم قانۇنىيەت بار: ئومۇمەن ئۇنتۇش باشتا تېز بولۇپ، كېيىن تەدرىجىي ئاستىلايدۇ. ئۇنتۇشنى چەكلەيدىغان شەرتلەر: (1) ئەستە قالدۇرۇلىدىغان ماتېرىيالنىڭ خاراكتېرى: مەنىسىز، قۇرۇلمىسى قالايمىقانلىرى ئوڭاي ئۇنتۇلىدۇ؛ [ىششىق ھەرىكەتنىڭ ئۇنتۇلۇشى ناھايىتى ئاستا بولىدۇ. ئوبرازلىق ماتېرىياللارمۇ ئۇزۇنغىچە ئەستە ساقلىنىدۇ. تىل - ئەدەبىيات ماتېرىياللىرى، بولۇپمۇ ناخشىلارنىڭ ئۇنتۇلۇشى بەك ئاستا بولىدۇ. تىل - ئەدەبىيات ماتىرىياللىرى ئىچىدە كۆپرەك ئۇنتۇلىدىغىنى تېكىستىكى سۆز - ئىبارىلەر بولۇپ، ۋەقىئەلىكنىڭ مەزمۇنى ئاز ئۇنتۇلىدۇ. ئاساسىي ئىدىيىسى ئەڭ ئاز ئۇنتۇلىدۇ. (2) ئەستە قالدۇرىلىدىغان ماتېرىيالنىڭ سانى: سانى قانچە جىق بولسا، ئەستە قالدۇرغاندىن كېيىنلا ئۇنتۇلۇشى شۇنچە جىق بولىدۇ. شۇڭا زور مىقداردىكى مەنىلىك ماتېرىيالنىڭ ئۇنتۇلۇش ئەگرى سىزىقى مەنىسىز ماتېرىيالنىڭ ئۇنتۇش ئەگرى سىزىقىغا يېقىن بولىدۇ. (3) ئۆگىنىش دەرىجىسى: ئۆگىنىش دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا، ئۇنتۇش دەرىجىسى شۇنچە ئاستا بولىدۇ. ئەستە قالدۇرۇش ۋاقتىدا تەكرارلاش سانى قانچە ئاز بولسا، ئۇنتۇش شۇنچە زور بولىدۇ. (4) ئەستە قالدۇرغان ماتېرىياللار ئارىسىدىكى ئوخشاشلىق دەرىجىسى: ئوخشاشلىق قانچە چوڭ بولسا، شۇنچە ئوڭاي ئۇنتۇلىدۇ. (5) ئەستە قالدۇرۇلىدىغان ماتېرىيالنىڭ جايلىشىش ئورنى: ئەستە قالدۇرۇلىدىغان مەزمۇنى جىق ياكى تەس ماتېرىيال بولسا، ئۇنىڭ باش قىسمى بىلەن ئاخىرقى قىسمىنىڭ ئۇنتۇلۇشى ئاستىراق، ئازراق بولۇپ، ئوتتۇرا قىسمىنىڭ ئۇنتۇلۇشى تېزراق، كۆپرەك بولىدۇ. (6) ئەستە قالدۇرۇلىدىغان ماتېرىيال ئەستە قالدۇرغۇچىنىڭ قىزىقىشىدىن قانچە يىراق بولسا، شۇنچە ئوڭاي ئۇنتۇپ قېلىنىدۇ. (7) ئەستە قالدۇرغۇچىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئەھۋالى: نورمال ئەستە قالدۇرۇش نورمال فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيە رولىغا ئېھتىياجلىق، ئورگانىزم جىددىيلەشكەن، دورا تەسىرى بولغان ياكى زەھەرلەنگەن ھالەتتە بولسا، ناھايىتى ئوڭاي ئۇنتۇلىدۇ.