Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۇنېتىسى مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قسىمىدىكى بىر خىل برونزا قوراللار دەۋرىگە ئائىت مەدەنىيەت. دەسلەپتە چېخوسلوۋاكىيىنىڭ پراگا شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئۇنېتىسى دېگەن جايدا بايقالغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. ۋېنگرىيە، گېرمانىيىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئاۋسترىيە، شۋېتسارىيە شۇنداقلا بايىرنى قاتارلىق جايلارغىمۇ كەڭ تارقالغان. ئولتۇراق ئۆيلەر تۆت چاسا بولۇپ، چىتلىنىپ ئۈستىگە لاي سۇۋالغان. ئىقتىسادىي تۇرمۇشى چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىقتىن ئىبارەت. ئۆلگەنلەر كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىنىپ، جەسەت كۈلىنى قۇتىغا سېلىپ، يەر ئاستىدىكى قەبرىگە كۆمۈلۈپ، قەبرىسىنىڭ تۆت ئەتراپى تاش بىلەن يۇمىلاق دائىرە قىلىپ توسۇپ قويۇلغان. كېيىن <جەسەت كۈلى قاچىلانغان قۇتىنى كۆمىدىغان> يېڭىچە قەبرىستانلىق مەيدانغا كەلگەن. مېتال ئەسۋابلاردىن، ھەرخىل قۇلاقلىق چۆگۈن، يىڭنە، ساپلىق قىسقا خەنجەر، بىلەزۈك قاتارلىقلار بار. مۈڭگۈزدىن ياسالغان ئەسۋابلار بولۇپ، تاش قوراللار ئاز. مىلادىدىن ئىلگىرى 2000 - يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە، ئاستا - ئاستا يېڭى <لۇزى مەدەنىيىتى> مەيدانغا كەلگەن.