Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
孕激素
بىئولوگىيە
پروگېستىن
<پروگېستوگېن> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ تۇخۇمدان سېرىق تەنىسى ئاجرىتىدىغان بىرخىل گورمون. ئۇ ستېروئىد گورمونلارغا كىرىدۇ، پروگېستېروننىڭ ئاكتىپچانلىقى ئەڭ كۈچلۈك. پروگېستېرون يەنە لۇتېئوستېرون، لۇتېئىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بەزسىمان گىپوفىز سېرىق تەنە ھاسىل قىلغۇچى گورموننىڭ رولى ئاستىدا يېتىلگەن تۇخۇم پۈۋەكچىلىرى يېرىلىپ تۇخۇم چىقىرىدۇ ھەم تەرەققىي قىلىپ سېرىق تەنىگە ئايلىنىدۇ. سېرىق تەنە پروگېستىن ئاجرىتىدۇ. ئاياللارغا تۇخۇم چىقىرىپ 7 ~ 8 - كۈنگە بارغاندا پروگېستىننىڭ ئاجرىلىشى ئەڭ يۇقىرى قىممەتكە يېتىدۇ. پروگېستىن ئۆزىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك رولىنى ئېستېروگېننىڭ رولى ئاساسىدا جارى قىلدۇرۇپ بالىياتقۇ (ماتكا) ئىچكى پەردىسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ مۇقىملىشىشىغا ماسلاشتۇرىدۇ؛ شۇنىڭدەك بالىياتقۇ ۋە تۇخۇم توشۇش نەيچە سىلىق مۇسكۇللىرىنىڭ قىسقىراش پائالىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ تۇخۇم چىقىرىشنى تورمۇزلاش قاتارلىق ھامىلىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. پروگېستىن يەنە سۈت بېزى بەز پۈۋەكچىلىرىنىڭ يېتىلىشىگە تۈرتكىلىك قىلىش رولىغا ئىگە. شۇڭا پروگېستىن ھامىلىدارلىقنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان مۇھىم گورمون ھېسابلىنىدۇ. كلىنىكىدا ھامىلىنى ئاسراشقا ئادەتتە لۇتېئىن ئىشلىتىلىدۇ.
خىمىيە
yùn jī sù
پروگېستىنDئۇنىۋېرسال
yùn jī sù
پروگېستىن