Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۇندسېت
دۇنيا تارىخى
(1882 - 1949) نورۋېگىيىلىك ئايال يازغۇچى. دانىيىدە تۇغۇلغان. دادىسى ئارخېئولوگ. سودا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1899 - 1909 - يىللاردا شىركەت خىزمەتچىسى بولغان. ئۇ قىزلارنىڭ ئىچى پۇشۇش پسىخولوگىيىسىنى تەسۋىرلەشكە ماھىر بولۇپ، كۆپىنچە تارىخىي ۋە ھازىرقى زامان تۇرمۇشىنى تېما قىلغان. 1912 - يىى <جېننى> رومانىنى نەشر قىلدۇرۇپ، نام چىقارغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە، ئۇ ئامېرىكىدا ئۆز ۋەتىنى ۋە مۇساپىرلار ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. 1945 - يىلى دۆلىتىگە قايتقان. ئۇ <كرىستىن لافلەنسداد> دېگەن ئەسىرىدە، نورۋېگىيىدە14 - ئەسىردە ياشىغان بىر ئايالنىڭ ئەينى زاماندىكى رېئاللىققا قارشى تۇرغانلىق ھېكايىسىنى تەسۋىرلىگەن؛ ئۈچ قىسىملىق ئەسىرى <يېڭى كېلىننىڭ گۈلچەمبىرىكى>، <خۇسابىنىڭ ئايال خوجايىنى> ۋە <كرېست> ئىنتايىن قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن ھەمدە نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. يەنە <تەرجىمىھالىم> ۋە باشقا ئەسەرلىرىمۇ بار. 1928 - يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.