Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
运动神经
پسىخولوگىيە
ھەرىكەت نېرۋىسى
بۇ مەركەزدىن قاچقۇچى نېرۋىدىن ئىبارەت. بۇ نېرۋا مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدىن ئېففېكتورلارغا بارىدۇ. ئۇنىڭ رولى مېڭە ياكى يۇلۇندا پەيدا بولغان نېرۋا ئىمپۇلىسىنى مۇسكۇل ياكى بەزلەرگە يەتكۈزۈش. بۇ نېرۋا ئىدارە قىلىدىغان قىسىملارغا ئاساسەن تۆۋەندىكى تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ: (1) گەۋدە ھەرىكىتى نېرۋىسى: بۇ باش بويۇن، گەۋدە ۋە قول - پۇتلارنىڭ سۆڭەك مۇسكۇلىنىڭ ھەرىكىتىنى ئىدارە قىلىدۇ؛ (2) ئىچكى ئەزالار ھەرىكىتى نېرۋىسى: بۇ نېرۋا ئىمپۇلىسىنى نېرۋا تۈگۈنىدىكى نېرۋا ھۈجەيرىسىگە يەتكۈزىدۇ. بۇ يەردىن يەنە نېرۋا تالاسى چىقىپ يۈرەك مۇسكۇلى، سىلىق مۇسكۇل ۋە بەزلەرنىڭ پائالىيىتىنى ئىدارە قىلىدۇ. ئىچكى ئەزالارنىڭ ھەرىكەت نېرۋىسى ۋىگتاتىۋ نېرۋا دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئادەم ئاناتومىيىسى,تەنتەربىيە,تېببىي
yùn dòng shén jīng
ھەرىكەت نېرۋىسىDئۇنىۋېرسال
yùn dòng shén jīng
ھەرىكەت نېرۋىسى