Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۇممە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىدە قۇرغان ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن ئىجتىمائىي تەشكىلات. <قۇرئان كەرىم> دە كۆپ تىلغا ئېلىنىدۇ. كەڭ مەنىدە قوللىنىلىدۇ (ئىبرى تىلىدىكى قەبىلە، جەمەتنى بىلدۈرۈشتىن مىللەت، دۆلەتنى بىلدۈرىدىغان ئۇممە دېگەن سۆز قوبۇل قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن). ئاساسلىقى ئىرىق، تىل ياكى دىننى تۈگۈن قىلغان كىشىلەرنىڭ ئورتاق گەۋدىسى، ئاللا ئەلچى ئەۋەتكەن ۋە ۋەھىي نازىل قىلغان كىشىلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 622 - يىلى مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، قەبىلىلەر كېڭىشىپ، <مەدىنە جامائەت تەشكىلاتلىرىنىڭ نىزامنامىسى> نى تۈزۈپ، مۇھاجىرلار، ناسارالار، مەدىنىدىكى يەھۇدىيلار ۋە كاپىرلار بىرلىككە كەلگەن تەشكىلات بولۇپ ئۇيۇشتى. شۇنىڭ بىلەن تەشكىلات بولۇپ ئۇيۇشتى. شۇنىڭ بىلەن قەبىلە تۈزۈمى بۇزۇۋېتىلىپ، دىن تۈگۈن قىلىنغان رايون خاراكتېرلىك تەشكىلات قۇرۇلدى. كېيىن يەھۇدىيلارنى تەدرىجىي چەتكە قېقىپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتى بولدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دىنىي داھىي بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە كەلتۈرگەن مىللىي دۆلەتكە ئاساس سالدى. ئىسلام دىنى دۇنياۋى دىن بولغاندىن كېيىن، <ئۇممە> سۆزى ئىسلام دىنىنىڭ خاس ئاتالغۇسى سۈپىتىدە مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن گەۋدىسىنى كۆرسەتتى، نەزەرىيە جەھەتتە دۇنيادىكى ھەر قايسى مۇسۇلمان مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئۇممىخان، ئۇمىخان، ئۇمىگۈل، ئۇمىقىز
<ئۇممەت>