Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئۇمما
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
乌玛
wū mǎ
دۇنيا تارىخى
温玛
wēn mǎ
قەدىمكى زاماندا مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى سۇمېرلىقلارنىڭ شەھەر دۆلىتى. تىگر دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىغا، ھازىرقى ئىراق چېگرىسى ئىچىدىكى يوكخا دۆڭلىكىگە جايلاشقان. تەخمىنەن مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ بېشىدا قۇرۇلغان، قوشنىسى لاگاش بىلەن كۆپ قېتىم چېگرا توقۇنۇشى يۈز بەرگەن. لۇگال - زاگگىسى دەۋرىدە (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 2371 - 2347)، لاگاش، ئۇرۇك، ئۇر، لارسا قاتارلىق شەھەر دۆلەتلىرىنى بېقىندۇرۇپ، مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىي قىسىم رايونىنى دەسلەپكى قەدەمدە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆزىنى <ئۇرۇك پادىشاھ> دەپ ئاتىغان. كېيىن شىمالدىكى ئاققاد پادىشاھلىقىنىڭ شاھى سارگون Ⅰ تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. بۇ شەھەر مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅪⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئامورىلار (سەمىتلارنىڭ بىر تارمىقى) تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان.