Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۇمەييە مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
سۈرىيىدىكى مەشھۇر مەسچىت بولۇپ، «دەمەشىق مەسچىتى» مۇ دېيىلىدۇ. ئەسلىي خرىستىئان دىنىدىكى سېينت يوھان چېركاۋىسىنىڭ ئورنى بولۇپ، خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەر (634 - يىلىدىن 644 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) دەۋردە مەسچىت قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. كېيىن بۇزۇۋېتىلدى. ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى ۋەلىد 705 - يىلى قايتا سالدۇردى. بۇنىڭغا 15 يىل ۋاقىت كەتتى. 12 مىليون دىنار خەجلەندى. كېيىن يەنە رېمونت قىلىنىپ ۋە قايتا ياسىلىپ، ئۇمەييە خان جەمەتىنىڭ ناماز ئوقۇشىغا بېرىلدى. مەسچىت ھويلىسى ئۇزۇنچاق چاسا ھويلا بولۇپ، يەرگە ساپال خىش يېيىتىلغان. ئەتراپتىكى تاملارغا نەقىش چىقىرىلىپ، قەدىمكى دە مەشىق مەنزىرىلىرى تەسۋىرلەنگەن. ھويلىدا گۈمبەزلىك ئۈچ قۇرۇلۇش بولۇپ، غەربتىكى قۇرۇلۇش 787 - يىلى سېلىنغان؛ ئۇنىڭدا «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئەسلىدىكى قوليازمىلىرى ساقلىنىدۇ. شەرقتىكى قۇرۇلۇش 776 - يىلى سېلىنغان. ئۇنىڭدا Ⅻ ئەسىردىكى پرسىيىلىكلەر ياسىغان قەدىمكى قۇڭغۇراق ساقلانغانلىقتىن، «قۇڭغۇراق بىناسى» دېيىلىدۇ؛ ئوتتۇرىدىكى قۇرۇلۇش 976 - يىلى سېلىنغان، ئۇنىڭدا مەرمەر كۆلچەك بولۇپ، يۇيۇنۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. ھويلىنىڭ جەنۇب تەرىپى چوڭ تاشلار بىلەن سېلىنغان خانىقا بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 136 مېتىر، كەڭلىكى 37 مېتىر كېلىدۇ. خانىقا ئوتتۇرا، غەرب ۋە شەرقتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپتىكى زالدىن تەركىب تاپقان. زال بىلەن زال ئوتتۇرىسىدا ئازراق ئارىلىق بولۇپ، بىر بىرىگە ئەگمە ئىشىكتىن ئۆتكىلى بولىدۇ. خانىقانىڭ تام ۋە تۈۋرۈكلىرى قىزىل، ئاق، قارا مەرمەر تاشلارغا ئويۇلغان ئىسخىمىلار، ئالتۇن، ئالماس قويۇلغان نەقىشلەر بىلەن زىننەتلەنگەن. جەنۇب تەرەپتە مەرمەر تاشتىن ئىنچىكىلەپ ئىشلەنگەن يېرىم يۇمۇلاق تۆت مېھراب بار. ھەر بىر مېھرابنىڭ يېنىغا ئېسىل مەرمەر تاشتىن مۇنبەر ياسالغان. مەسچىتكە كىرىدىغان ئالتە يول بار. ھەربىر يولغا ئۈچ ئەگمە دەرۋازا قويۇلغان، بۇ دەرۋازىلار تۇچ بىلەن قاپلانغان. خانىقانىڭ ئالدى تەرىپىدە زەپەر مۇراسىمى شەكلىدىكى ئەگمە دەرۋازا بولۇپ، دەرۋازىنىڭ يېنىغا ئىككى دانە يۇمۇلاق تۈۋرۈك ئورنىتىلغان، تۈۋرۈكنىڭ ئۇچى خان تاجىسى شەكلىدە ياسالغان. پۈتۈن مەسچىتتە ئۈچ مۇنار بار. بۇ مەسچىتكە 1069 - يىلى، 1400 - يىلى ۋە 1893 - يىلى ئۈچ قېتىم ئوت قويۇۋېتىلگەن. ھازىرقى قۇرۇلۇشلارنىڭ كۆپ قىسمى ئوت كەتكەندىن كېيىن رېمونت قىلىپ تولۇقلانغان ياكى قايتىدىن ياسالغان. مىسىردىكى ئەييۇب سۇلالىسى (1171 - 1250) نى قۇرغان سالاھىددىننىڭ مەقبەرىسى مۇشۇ مەسچىتنىڭ يېنىدا. بۇ مەسچىتنى غەرب ئالىملىرى ئوتتۇرا ئەسىردىكى «ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىناكارلىق مۆجىزىلىرىدىن بىرى» دەپ قارايدۇ. بۇ مەسچىت «ئىسلام دىنىنىڭ تۆتىنچى مۇقەددەس مەسچىتى» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.