دائىرە: دۇنيا تارىخى(1394 - 1449) ئوتتۇرا ئاسىيادىك سەمەرقەندنىڭ ھۆكۈمرانى. شاھرۇھنىڭ چوڭ ئوغلى. 1409 - يىلى دادىسى ئۇنىڭغا سەمەرقەندنى بەخشەندە قىلىپ بەرگەن. ئۇ ناھايىتى بىلىملىك، بولۇپمۇ ئاسترونومىيىگە پىششىق ئىدى. تەخمىنەن 1428 - يىلى سەمەرقەندتە چوڭ رەسەتىانىدىن بىرنى سېلىپ، نۇرغۇن ئالىملار بىلەن بىللە ئۇزاق مۇددەت كۆزىتىش ئارقلىق <ئۇلۇغبەگنىڭ يېڭى ئاسترونومىيە جەدۋىلى> نى تۈزۈپ چىققان، ئۇ ئوتتۇرا ئەسىردىكى مۇھىم ئاسترونومىيە ھۈججىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مەدەنىي مائارىپنى تەشەببۇس قىلاتتى، بىر نەچچە ئىسلام مەدرىسىسىنى قۇرغان، شۇنىڭ بىلەن سەمەرقەند شۇ چاغدىكى داڭلىق ئىلىم - مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 1447 - يىلى دادىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ تېمۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ سۇلتان بولغان. تەختتە ئاران ئىككى يىل ئولتۇرۇپلا، ئوغلى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
دائىرە: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىئەرلەرگە خاس ئىسىم
دائىرە: (ئۇيغۇرچە)بۈيۈك ھۆكۈمران، بۈيۈك سۇلتان ياكى بەگلەرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى، سەردارى.
دائىرە: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىئەرلەرگە خاس ئىسىم
دائىرە: (ئۇيغۇرچە)ھۆرمەتلىك بەگ، ئۇلۇغ بەگ.
دائىرە: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىئەرلەرگە خاس ئىسىم
ھۆرمەتلىك بەگ، ئۇلۇغ بەگ