Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
فىزىكا
ئادەم ئاڭلىيالايدىغان ئەڭ يۇقىرى چاستۇتا (20 مىڭ گېرتس) دىنمۇ ئېشىپ كېتىدىغان ئاۋاز دولقۇنى. ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى تۈز سىزىق بويلاپ تارقىلىدۇ، نىشانلىق بولىدۇ ھەمدە قايتىپ كېلەلەيدۇ، جىسىملارغا زىيان يەتكۈزىدۇ. ئۇ تۈرلۈك تېخنىكا تارماقلىرىدا، مەسىلەن، مېتاللاردىكى دەزنى تەكشۈرۈش، دېڭىز چارلىشى ھەمدە تېببىي دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش قاتارلىقلاردا كەڭ قوللىنىلىدۇ.