Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۇلاق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1. ياغاچنى ئويۇپ ياسىغان، ئات - ئۇلاغ، مال - چارۋىنى سۇغىرىدىغان ئوقۇر.
ئاتنى ئۇلاققا سۇغاردىم.
2. ياغاچنى ئويۇپ ياسىغان، دەريادىن ئۆتۈشتە، سۇدا يۈرۈشتە ئىشلىتىدىغان كىچىك قولۋاق. ئۇلاقتا بېلىق تۇتتۇم.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم. («ئۇلاⅡ » گە ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە «ق» قوشۇلغان).
نەرسىنىڭ ئۇلانغان يېرى ياكى ئۇلانغان نەرسە.
ئۇلاق ئارغانچا. * ئارغامچىنىڭ ئۇلىقى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
قەلەمچە.
ئۆرۈكنى ئۇلىغىلى ئۇلاق ئەكەلدۇق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
توم توياقلىقلارغا مەنسۇپ، سۈت ئەمگۈچى چوڭ ئىش ھايۋىنى.«يىلقا» بىر ئۈيۈرگە قارىتىلغان. «ئۇلاغ» باشقا ئىش ھايۋانلىرىنمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئات ئازسا تايغا ئەگىشەر. ھايۋانىڭ تۇمانلارى، يىلقىنىڭ غۇنانلارى. سۇ دېسەم شاراب بەرگەن قەشقەرنىڭ جۇۋانلارى. ياخشى دېھقان قامچىسىنى قاقىدۇ. كۆلۈك بولمىسا، كۆچىمەن دېمە. 4 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنىدا 150 بالا 150 تۇتىغا مىنىپ كۆرەكتىن ئۆتتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئات - ئۇلاغقا ئۆت - چۆپ، يەم - خەشەك بېرىشكە مەخسۇس ياسالغان جاي.
<ماساۋ> خەنزۇچە: 马槽
ئات ئالماي تۇرۇپ، ئوقۇر سال. ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپار. ئۇلاقتا ئوت بولمىسا، ئاتتا نېمە گۇناھ!
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىت، مۈشۈك قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىغا تاماق بېرىلىدىغان قاچا.
ئېلىنى ساتقان يالاقتا ئاش يەر. ئىتمۇ يالىقىنى قورۇيدۇ. يالىقىڭنى يالاپ يۈرىۋەر. ئۇلاققا خار بولما.
شىۋىلەر
ماللارغا ئوت، يەم بېرىدىغان ۋە ئۇلارنى سۇغۇرىدىغان ياغاچ نور.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. باغلاش، چىگىش، يەملەش، كەپشەرلەش، تىكىش قاتارلىقلار ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلغان، ئۇلانغان.
ئۇلاق يىپ. ئۇلاق سىم. ئۇلاق تامبال.
ئى. نەرسىلەرنىڭ ئۇلانغان جايى.
ئارغامچىنىڭ ئۇلىقى.
سېھرىگەر كەشىمنى ئېگىز كۆتۈرۈۋېدى، ھەممەيلەن كەشىمنىڭ بوغقۇچىدىك ئىككى ئۇلاقنى كۆرۈپ قالدى.
ئى <ئورم> يېتىشتۈرۈلىدىغان سورتلۇق تۈپنىڭ بىخ ياكى نوتىلىرىنى يەنە بىر تۈپكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشى.
بوۋاي ئۇلاق ئۇلاشتا، موماي گۈل ئۆستۈرۈشتە تەڭدىشى يوق ماھىرلاردىن ئىكەن.