Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۇيقاش
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شېئىر مسىرالىرىنىڭ ئاخىرىدىكى ئاھاڭداش، تەلەپپۇزى ئوخشاش سۆزلەر، بوغۇملار. «ئۇيقاش» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىدۇ.
قاپىيە شېئىر - قوشاقلارنى تەسىرلىك ۋە ئاھاڭدار قىلىدۇ. يادلىۋېلىشقا ئاسانلىق تۇغدۇرىدۇ. قاپىيە ئاچ قاپىيە ۋە توق قاپىيە شەكلىدە كېلىدۇ. يەنە باش قاپىيە، ئالماش قاپىيە، تار قاپىيە، قوش قاپىيە، كەڭ قاپىيە، ئىچكى قاپىيە دېگەن تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
ماسلىشىش، قاملىشىش، قاپىيە، قاپىيە كېلىش. مەسىلەن: ئۇيقاشمىغان گەپلەر - بىر- بىرىگە باغلاشمىغان گەپلەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. ماسلىشىش، قاپىيە كېلىش، قاملىشىش.