Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۇيغۇرچە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ئۇيغۇرلارغا، ئۇيغۇر خەلقىگە، ئۇيغۇر تىل - يېزىقى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت، ئۇيغۇر خەلقىگە خاس بولغان.
ئۇيغۇرچە كىيىم. ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل. ئۇيغۇرچە ناخشا.
ئى. ئۇيغۇر تىلى، يېزىقى.
گەنسۇ دېگەن سۆز، ئۇيغۇرچە <كەڭسۇ> دېگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن دېدىڭما؟! شۇنىڭغا قارىغاندا، ئۇيغۇرچىدىن خەنزۇچىغا كىرىپ ئۆزلىشىپ قالغان سۆزلەرمۇ بار ئىكەندە؟!
رەۋ. ئۇيغۇر تىلى، يېزىقىنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر تىلى، يېزىقى ۋاسىتىسى بىلەن.
ئۇيغۇرچە سۆزلىمەك.
مەن تاشقا ئولتۇردۇم - دە، مۇنۇ سۆزنى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە قىلىپ يازدىم.