Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە
بىئولوگىيە
دائىم ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە ئۇرۇقدىشىدىكى باكتېرىيىلەرنى كۆرسىتىدۇ. بەزىدە كەڭ دائىرىدە ئۈزۈمسىمان تىزىلىدىغان، رەتسىز كاللەكلىشىدىغان بارلىق باشقا باكتېرىيىلەرنىمۇ كۆرسىتىدۇ. ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە ئۇرۇقدىشىدىكى باكتېرىيىلەر گرام پىلۇس خۇسۇسىيەتلىك باكتېرىيە بولۇپم دىئامېترى 0.5 - 1.5 مىكرو مېتر كېلىدۇ. يەككە ياكى جۈپ ھالدا ئۈزۈمسىمان تىزىلىدۇ. قوشۇمچە ئوكسىگېنسىز نەپەسلىنىدۇ. ئوكسىگېنسىز شارائىتتىكى ۋە بەزى ئۆستۈرگۈچى فاكتوررلار بار شارائىتتىكى ئۆسۈشى بىر قەدەر ياخشى. باكتېرىئونىغا نىسبەتەن قارشى تۇرۇشچانلىقى بولىدۇ. ئاساسەم ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ تېنىدە يۈزىدە تېرە بېزى ۋە شىلىمشىق پەردىسىدە پارازىتلىنىدۇ. ھاۋا، تۇپراق ۋە باشقا جىسىملارنىڭ ئۈستىدىمۇ بولىدۇ. <بىر قانچە باكتېرىيىلەرنى باھالاپ بېكىتىش قوللانمسى> نىڭ 8 - نەشرىدە فىزىئولوگىيىلىك، بىئوخىمىيىلىك ۋە خىمىيىلىك تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن ئۈچ تۈرگە بۆلۈنگەن. ئۇلار ئالتۇن رەڭ ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، ئېپىدېرما ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، ۋە چىرىندىخور ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە. ئالدىنقىسى ئەڭ مۇھىم بولۇپ، ئادەم ۋە ھايۋانلاردا يىرىڭلىق يۇقۇملىنىش، ئادەملەردە مېڭە پەردە ياللۇغى، يىلىك ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى، بوغۇم ياللۇغى، ئوزۇقلۇقتىن زەھەرلىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇ يەنە ئانتىبىئوتىكلىق دورىلارنى تەكشۈرۈشنىڭ كۆرسەتكۈچ باكتېرىيىسى قىلىنىدۇ.