Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئۈزۈم پىشىقى ئېيىنىڭ 13 - كۈنىدىكى ۋەقە
دۇنيا تارىخى
葡月十三日事件
pú yuè shí sān rì shì jiàn
فرانسىيىدە تومۇز ئايچىلار پارتىيىسى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە، خانپەرەسلەر پارتىيىسىنىڭ پادىشاھلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆتۈرگەن ئىسيانى. جۇمھۇرىيەتنىڭ 4 - يىلى ئۈزۈم ئېيىنىڭ 13 - كۈنى (1795 - يىل 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى) يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. خانپەرەسلەر پارتىيىسى 1795 - يىلى 6 - ئايدا چۇيبېروندىكى قۇرۇقلۇققا چىقىشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، قاچقۇن ئاقسۆڭەك گراف پروۋانىس ئىتالىيىنىڭ ۋېرونا شەھىرىدە ئۆزىنى لۇئى ⅧⅩ دەپ ئاتاپ، ئىنقىلابقا قارشى خىتابنامە ئېلان قىلغان. تومۇز ئايچىلار پارتىيىسى خانپەرەسلەر پارتىيىسىنىڭ تەھدىتىنى يوقىتىپ، ئۆزىنىڭ يېڭى قانۇن چىقىرىش ئورگىنى - سېنات ۋە 500 كىشىلىك كېڭەشتىكى ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، 1795 - يىلدىكى ئاساسىي قانۇن ماقۇللانغاندىن كېيىن، يەنە <مېۋە پىششىقى ئېيى پەرمانى> (يەنە <ئۈچتىن ئىككى قىسىم پەرمانى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، مېۋە پىششىقى ئېيىنىڭ 5 - كۈنى يەنى 1795 - يىلى 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ماقۇللانغان) نى چىقىرىپ، كەلگۈسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى چوقۇم ھازىرقى مىللىي ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ ئىچىدىن سايلىنىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن خانپەرەسلەر پارتىيىسىنىڭ ئىككى پالاتا سايلىمى ئارقىلىق پادىشاھلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولۇش سۈيىقەستىنى بىتچىت قىلغان. ئۈزۈم پىشىقى ئېيىنىڭ 13 - كۈنى خانپەرەسلەر پارتىيىسىدىكىلەردىن 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، مىللىي ئۇيۇشمىغا ھۇجۇم قىلغان؛ ئەمما ناپولېئون قوماندانلىق قىلغان توپچى ئەسكەرلەر تەرىپىدىن شۇئان باستۇرۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن مىللىي ئۇيۇشما جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى قوغدايدىغان بەزى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قاچقۇن ئۇنسۇرلر ۋە ئۆكتىچى مىسسىئونېرلارنى باستۇرۇش قانۇنىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن؛ تۇمانلىق ئاينىڭ 4 - كۈنى يەنە ئومۇمىي كەچۈرۈم بويرۇقىنى چىقىرىپ، سولاقتىكى بىر تۈركۈم جۇمھۇرىيەتچىلەرنى قويۇپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن سىياسىي ۋەزىيەتنى ۋاقىتلىق مۇقىملاشتۇرغان.