Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۈركۈمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر نەرسە ياكى ھادىسىدىن خەۋەپسىزدەپ، دەھشەتكە چۈشمەك.
«قورقماق» ئومۇمەن ۋەھىمە ھېس قىلماققا قارىتىلىدۇ.
«چۆچۈش» تاسادىپىي قورقۇنچ ھېس قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
«ئۈركۈمەك» ھايۋانلار، ئۇچار قاناتلاردا بولغان قورقۇنچ.
قۇرققانغا قوش كۆرۈنەر. كۆزى مىدرىغاندىن قورۇق. قورققا يەردە جىن بار. چۆچۈگەن يىراققا قاچار. ئۈركۈگەن ئاتقا تەڭ كەلگەن - باتۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىر نەرسە ياكى ئەھۋالدىن بىردىنلا قورقماق، قورقۇنچلۇق ھېس قىلماق، چۆچۈمەك، قاچماق.
ئۆز سايىسىدىن ئۈركۈمەك.
ئېشەكلەر ئۇنىڭ قولىدىكى تاياقنى كۆرۈپ، تېخىمۇ ئۈركۈپ، تاپۇر - تاپۇر قىلغىلى تۇردى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يىمىرىلمەك.
ھاك ئۈركۈپتۇ.