Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۈنۈم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتنىڭ مەلۇم كۈچ ياكى ئامىلىدىن ھاسىل بولغان ئاخىرقى ھالىتى.
<سەمەرە: مېۋە دېمەكتۇر، بۇ يەردە كۆچمە مەنىدە> <نەتىجە>.
سەۋەب بولمىسا، نەتىجە بولماس. نەتىجە ئىككى قولدىن چىقار. ئئۆگىنىشتىن ئۈنۈم ئالاي دېسەڭ، بىلىمسىزلىكىڭنى ئىقرار قىل.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى.
ھوسۇل بېرەرمۇ ئۇرۇق بولمىسا ئېكىن مەيدان، يەر بولمىسا نېمگە كېرەك بولاتتى ئاسمان. يىلتىز سۇدا بولمىسا، ئۈنۈمدىن ئۈمىد يوق. ئۇرۇقىغا قاراپ ئۈنۈمى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
مەلۇم بىر خىل كۈچ، ئۇسۇل، چارە ياكى ئامىل، سەۋەب پەيدا قىلغان ئىجابىي نەتىجە.
ئۇ پۇل - مال بىلەن ئالداش ئۈنۈم بەرمىگەندىن كېيىن، زورلۇق بىلەن گۈلنارخاننى مېھمانخانىغا سۆرەپ ئېلىپ ماڭدى.
مەلۇم نەرسىنىڭ پايدىلىق رولى، تەسىرى.
دورىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلمەك.
بىرەر نەرسىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەييارلاش قابىلىيىتى؛ ئۈنۈمدارلىق، ھوسۇلدارلىق.
ماشىنىنىڭ ئىش ئۈنۈمى. ئەمگەك ئۈنۈمى. ئۈنۈم نىسبىتى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
ئۈنمەك؛ ھوسۇل
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ھوسۇل، ھوسۇل بېرىدىغان، نەتىجە كۆرسىتىدىغان.