Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۈن
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تاۋۇش، ئاۋاز.
ئۈنلۈك، ئۈنسىز.* ئۈن - تىنسىزس. * ئۈنى پۈتمەك. * ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتمەك. * يالغۇز چاۋاكنىڭ ئۈنى چىقماس (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئۈنمەك، ئۈنۈش. ئوت - چۆپلەر يەر ئاستىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقماق، قايتا كۆكلىمەك.
باھار كەلدى، قۇشلار سايرىدى، ئوتلار ئۈنۈشكە باشلىدى.* قوغۇن ئۈندى، ئەمدى ئۈچ قۇلاق بولدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسىمنىڭ تەۋرىنىشىدىن چىققان دولقۇننىڭ ئاڭلاش سېزىمى ئارقىلىق پەيدا قىلغان تەسىرى.
تىنىقى يوقنىڭ ئۈنى يوق. تىل تاۋۇشلىرى - تىلنىڭ ئاۋاز قىسمى، ئۇ تىلنىڭ ماددىي پوستى ھېسابلىنىدۇ. ئەسكى چاقنىڭ ئاۋازى ھەممىدىن قاتتىق چىقىدۇ. خەلقنىڭ ساداسى - تەڭرىنىڭ ساداسى. بۇ گۈمبەز ئاستىدا ياڭرات خۇش سادا، نېمىنى دېسەڭ ئۇ قايتۇرار ساڭا. شۇ ئان تاغدىن <كىمسەن> دېگەن نىدا كەپتۇ. سەس چىققاندا سەل تىتىرىگەنىدى. قاتتىق قارىغاي سۇرىنى ھەربىر قارىغايدىن چىققان. بىر قوڭغۇراق كۆپەيسە، شاۋقۇن كۆپىيەر.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۈن، تاۋۇش، ئاۋاز.
بۇ سۆزنى « _ ۋاۋ» قوشۇپ، «» شەكلىدە يازسىمۇ بولىدۇ.
1 - 54
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۈن، تاۋۇش، ئاۋاز.
(ئۇزۇن ياكى قىسقا تەلەپپۇز قىلىشقىمۇ بولىدۇ).
1 - 68
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
سادا، ئاۋاز، شەپە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئادەم گەپ قىلغاندا، بىر نەرسە باشقا بىر نەرسىگە سۈركەلگەندە، تەگكەندە، نەرسە سۇنغاندا، چېقىلغاندا، پارتلىغاندا، ھەرىكەت قىلغاندا چىقىدىغان ھەرخىل ئاۋاز؛ تاۋۇش.
مىلتىقنىڭ ئۈنى. ئۈن چىقارماق. ئۈنۈڭنى چىقارما. ئۈنى پۈتمەك.