Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۈجمە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يوپۇرمىقى پىلە قۇرتىغا ئاساسىي ئوزۇق قىلىنىدىغان، مېۋىسى ئاق، قىزىل، قارا بولىدىغان دەرەخ ۋە ئۇنىڭ مېۋىسى.
<جۈجەم> قۇمۇل - تۇرپان شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
ئۆگەنگەن كۆڭۈل ئۈجمە پىشقۇچە. ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش. ۋاپباغنىڭ ئۈجمىسى ئەمەس. تۇت شىرنىسى قان بېسىمىغا داۋا.
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئۈجمە ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ، ئۈجمىگە ئۇرۇقداش
بولۇپ، قوۋزىقى تېيىز يېرىلىدۇ، يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكلىدە، گۈلى تاق جىنسلىق، گۈل يېپىنچىسى سارغۇچ يېشىل كېلىدۇ. يوپۇرمىقى بىلەن
پىلە بېقىلىدۇ، يۇمران شاخلىرىنىڭ ئەۋرىشىم قوۋزىقىدىن چىققان تالالىرىنى ماتېرىيال قىلىپ قەغەز ئىشلىگىلى بولىدۇ. مېۋىسى ئاق ياكى قارا
قوڭۇر بولۇپ، تاتلىق كېلىدۇ، ئادەتتە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى، يوپۇرمىقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا مېۋىسىنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدا كۆپ ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.
توسالغۇلارنى ئېچىش، تەبىئەتنى يۇمشىتىش، مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، بەلغەم بوشىتىش،
ساپ قان پەيدا قىلىش، ئىششىق قايتۇرۇش، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، قىزىتما ياندۇرۇش، سۈيدۈك ۋە چوڭ تەرەتنى
راۋانلاشتۇرۇش، تېرىگە رەڭ بېرىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
ھۆل ئۈجمىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، تال، جىگەر كېسەللىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ؛ باھنى قۇۋۋەتلەپ، بۆرەكنىڭ ياغلىرىنى
كۈچلەندۈرۈپ، كىشىنى سەمرىتىدۇ.
ئۈجمىنىڭ يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ غار غار قىلىپ بەرسە، گال ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۈجمىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىگە سىركە قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قىزىتمىلارنى ياندۇرىدۇ.
ھۆل ئۈجمىنى داۋاملىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە، گالنىڭ يىرىكلىكى، ئاۋاز پۈتۈپ قېلىش، گال ئىششىقى ۋە يۇتقۇنچاق، بادامسىمان بەز
ياللۇغى، تېرە قۇرغاقلىشىش، سۈيدۈك ئېچىشىپ كېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۈجمە يوپۇرمىقىدىن 35 گرام، سوغىگۈلدىن تۆت گرام، ئاق تۇرۇپتىن 70 گرام، نەشپۈتتىن بىر تال، ئاق شېكەردىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا
قاينىتىپ ئۈچكە بۆلۈپ ئىچىپ بەرسە، بالىلاردىكى يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۈجمە يوپۇرمىقىدىن 500 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى ھورداپ يۇيۇپ بەرسە، كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغىغا مەنپەئەت
قىلىدۇ.
ئۈجمە يوپۇرمىقى، ۋاسالغۇ ۋە خام ئەگرىسۇنانىڭ ھەر بىرىدىن 20 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىق،
ئۇيقۇسىزلىق ۋە قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
10 گرام ئۈجمە يوپۇرمىقىنى 12 گرام يۇلغۇن، ئۈچ پارچە خام زەنجىۋىل بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تارقىلىشچان زۇكامغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام ئۈجمە يوپۇرمىقىنى تۆت گرام يالپۇز، سەككىز گرام ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى، يەتتە گرام ئىزىلگەن بۇدۇشقاق ئۇرۇقى، سەككىز گرام
پەربۇن، تۆت گرام قوڭغۇراقگۈل بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىلنىڭ باشلىنىشىدىكى قىزرىپ يۆتىلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۈجمە يوپۇرمىقى، قىرىقبوغۇم، سەبدىگۈل، مامكاپلارنىڭ ھەربىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كۆز بىرىكتۈرگۈچى
پەردە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
ئۈجمە ئۆستۈرۈپ پىلە بېقىش جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ كەشپىياتلىرىدىن بىرى، شۇنداقلا ئىنسانىيەتكە قوشقان زور تۆھپىسى.4000
يىل ئىلگىرىكى يېڭى تاش قورال دەۋرلىرىدىلا ئەجدادلىمىز تەبىئەتتە ياشاۋاتقان ياۋا پىلىنىڭ مەشۈت چىقىرىپ غوزەك تۇتىدىغانلىقىنى بايقاپ، ئۇنى ئاڭلىق بېقىپ كۆندۈرگەن، پىلە قۇرۇتى ياۋايىلىقىنى تەدرىجىي تۈگىتىپ، تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى ئۆي پىلىسىگە ئايلانغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلىمىز ئەمگەكچى خەلقى ئۈجمە دەرىخىنىڭمۇ سورتىنى ياخشىلاپ، نۇرغۇن يۇقىرى مەھسۇلاتلىق، ياخشى سۈپەتلىك ئۈجمە سورتلىرىنى يېتىشتۈرگەن. ئەجدادلىرىمىز ناھايىتى بۇرۇنلا شاخ باستۇرۇپ كۆپەيتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئەلا سۈپەتلىك ئۈجمە مايسىسىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن يېڭى يول ئاچقان. ئۈجمە ئارىسىغا يېشىل پۇرچاق، سېرىق پۇرچاق تېرىپ يېشىل ئوغۇت قىلىش، پىلە مايىقى ئارقىلىق ئۈجمىنى ئوغۇتلاش، ئۈجمە شېخىنى چاتاش قاتارلىق پەرۋىش تېخنىكىلىرى پىلە ئۈجمىسى ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەرەققىياتىدا ياخشى تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
پىلە ئۈجمىسى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش يوللىرىمۇ بارغانسېرى كېڭەيدى. ئۈجمە ئۆستۈرۈشتىكى ئاساسىي مەقسەت ئۇنىڭ يوپۇرمىقى ئارقىلىق پىلە بېقىش، بۇلاردىن باشقا ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇن قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى باشقا تەرەپلەردىكى ئېھتىياجغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەتىيازدا چاتالغان ئۈجمە شاخلىرىنى ئۈجمە مايسىسىنى كۆپەيتىشتىكى ئۇلاق نوتىسى قىلىشقا بولىدۇ؛ ياز پەسلىدە چاتالغان شاخلىرىنىڭ پوستىنى سويۇۋېلىشقا بولىدۇ، بۇ ئالىي قەغەز ئىشلەشتىكى ئېسىل خام ماتېرىيال. ئۈجمە دەرىخىدە بولىدىغان ئۈجمە مېۋىسىنى ئۇرۇق قىلىپ ئۈجمە كۆپەيتىشكە ئىشلەتكەندىن باشقا، ھۆل مېۋە ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، شۇنداقلا ئۈجمە ھارىقى، ئۈجمە قىيامى قاتارلىق ئېسىل يېمەكلىكلەرنى تەييارلاشقا بولىدۇ؛ ئۈجمە مەلھىمى قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ۋە بەدەننى قۇېۋەتلەشتىكى ئېسىل جۇڭيى دورىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۈجمە دەرىخى كۈزدە تاشلىغان يوپۇرماق قوي بېقىشتىكى ياخشى يەم - خەشەك ھېسابلىندۇ. قوي بېقىشتا ئۈجمە يوپۇرمىقى يەم - خەشەك قىلىنسا بىرىنچى دەرىجىلىك قوزا تېرىسى چىقىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، پىلە مايىقىمۇ بېلىق تۈرىدىكىلەرنىڭ ئېسىل »غىزاسى«، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇنىڭدىن خلوروفىل ئېلىشقا بولىدۇ.
ئېلىمىزدىكى نۇقتىلىق پىلىچىلىك رايونلىرىدا ئۈجمە دەرىخى شاللىق بىلەن بېلىق كۆلى ئارىسىدا ئۆستۈرۈلىدۇ. بېلىق كۆلىدىكى لاتقا ۋە چوشقا، قوي قىغى ئۈجمىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئوغۇتى بولىدۇ، ئۈجمە يوپۇرمىقى ۋە پىلە غوزىكى خۇياڭ قويى بىلەن بېلىقنىڭ ئېسىل يەم - خەشىكى بولىدۇ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتى كىشىلەرنىڭ ئوزۇقلۇق ئاشلىقى ۋە چارۋىلارنىڭ يەم - خەشىكىگە كاپالەتلىك قىلدى، پىلىچىلىك ئىشلەپچىقىرىشى دېھقانلارنى ئوبدان ئىقتىسادىي كىرىمگە ئىگە قىلدى. شۇنداق قىلىپ شاللىق، ئۈجمىزارلىق، بېلىق كۆلى، چارۋىچىلىق ئارىسىدا بىر - بىرىنى شەرت قىلىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان قويۇق مۇناسىۋەت شەكىللىنىپ، ھازىرقى زامان يېزىلىرىنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايەن قىلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
ئۈجمە ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. مېۋىسى ئاق ياكى قارا قوڭۇر بولۇپ، تاتلىق كېلىدۇ. ئادەتتە ئىستېمال قىلىنىدۇ. يۇمران شېخى، يىلتىز پوستى، يوپۇرمىقى ۋە مېۋىسى دورا قىلىنىدۇ.
شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.