Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
约翰二世
دۇنيا تارىخى
يوئان Ⅱ
(1) يوئان Ⅱ (كومىنېن، 1088 - 1143) ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى (1181 - 1143). تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، 1135 - يىلى سالجۇق تۈركلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، كىلىكىيە (كىچىك ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز بويىدا) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىچىك ئاسىيادىكى بىر قىسىم زېمىنىنى قايتۇرۇۋالغان. 1137 - يىلى يەنە غەربىي ياۋروپا ئەھلىسەلىپ قوشۇنى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا بەرپا قىلغان ئانتيوك كىنەزلىكىنى بويسۇندۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە سېرىبلار بىلەن ۋېنگىرلارنى مەغلۇپ قىلغان. ئۇ ۋېنېتسىيە بىلەن بولغان كۈرىشىدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، 1126 - يىلى ۋېنېتسىيىنىڭ ۋىزانتىيە دائىرىسى ئىچىدە سودا ئىمتىيازىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئېتىراپ قىلشقا مەجبور بولغان. (2) جىئان Ⅱ (ياخشى كىشى، 1319 - 1364) فرانسىيىدىكى ۋرويە خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (1350 - 1364). ئۇ تەختكە چىقىشتىن ئاۋۋال فرانسىيە 100 يىللىق ئۇرۇشتا ئۇدا مەغلۇپ بولغان. تەختكە چىققاندىن كېيىن، 1356 - يىلى فرانسىيە پوئېتىر جېڭىدە يەنە مەغلۇپ بولۇپ، ئۆزىمۇ ئەنگلىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان. 1360 - يىلى ئىمزالانغان <بىرېتىگىنى سۈلھ شەرتنامىسى> غا ئاساسەن نۇرغۇنلىغان پۇل تۆلەش شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلىپ، فرانسىيىگە قايتىپ كەلگەن. پۇلنى ۋاقتىدا تاپشۇرالمىغانلىقتىن، 1364 - يىلى يەنە ئەنگلىيىگە ئېلىپ كېتىلىپ، ئۇزاق ئۆتمەي لوندون تۈرمىسىدە ئۆلگەن.