Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۈگۈت
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تاسقاپ، ئىلغاپ پاكىز قىلىپ، ئۇن تارتىشقا تەييارلىغان ئاشلىق.
ئۈگۈت ئەتمەك. * ھازىر تۈگمەندە سۇ توختاپ قېلىپ، تارتىلماي قالغان ئۈگۈت توشۇپ كەتتى،
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
(كونىرىغان سۆز). نەسىھەت، تەشۋىقات.
بالىلارغا ئوبدان ئۈگۈت قىلماق. * ئۈگۈت - تەشۋىق ئىشلىرىنى ئوبدان ئىشلەش كېرەك.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
نەسىھەت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياخشىلىققا ئۈندەپ ئېيتىلغان سۆز، مەسلىھەت.
نەسىھەت ئاچچىق، مېۋىسى تاتلىق. پەند - نەسىھەتكە كۆنمىگەن، ئەيىبىدىن خالىي بولالماس. ئاتاڭنىڭ ئۈگۈتىنى بالاڭغا قالدۇر. تۈلكە ۋەز ئېيتسا، توخۇ ھوشيار بولسۇن.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۈگۈت
بۇغداي ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلاردىن ئۇن تارتىش.
1 - 72
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۇن تارتىش ئۈچۈن پاكىز تازىلانغان ئاشلىق.
ئۈگۈت ئەتمەك.
جۇۋازغا سېلىپ ياغ تارتىشقا تەييارلانغان مايلىق دان؛ يۈك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تارس. پەند - نەسىھەت.