Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۈچ رەڭلىك بايراق
دۇنيا تارىخى
فرانسىيىنىڭ دۆلەت بايرىقى. 1789 - يىلى 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى لافايېتتېنىڭ تەكلىپ بىلەن، پارىژ مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسىگە كۆك، ئاق، قىزىلدىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭلىك كاكارنى ئىشلەتكەن، ئاق رەڭ بوربون سۇلالىسىنىڭ گېربى ئاق پىيازگۈلگە ۋەكىللىك قىلاتتى، كۆك بىلەن قىزىل پارىژ شەھەر گېربىنىڭ رەڭگىگە ۋەكىللىك قىلاتتى. ئۇزاق ئۆتمەي، كورۇل لۇئى ⅩⅥ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زالىدا ئۈچ خىل رەڭلىك كاكارنى قوبۇل قىلغان. 1790 - يىل 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى مىرابوئا ئۇنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن پەرمان چىقىرىپ، دۆلەتنىڭ كېمىلىرىدە ئۈچ خىل رەڭلىك بايراقنى چىقىرىپ، ئىلگىرىكى بايراق سېپىدىكى ئاق زىننەت لېنتىسىنىڭ ئورنىغا ئۈچ رەڭلىك زىننەت لېنتىسىنى ئىشلىتىشنى بەلگىلىگەن. مىللىي كېڭەش دەۋرىدە ئۈچ رەڭلىك بايراق رەسمىي ئىشلىتىلگەن. قايتا تىرىلدۈرگۈچى خاندانلىق ئۈچ رەڭلىك بايراقنىڭ ئورنىغا ئاق رەڭلىك بايراقنى قايتىدىن ئىشلەتكەن. ئىيۇل خاندانلىقى مەزگىلىدە ئۈچ رەڭلىك بايراق يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، تا بۈگۈنگىچە ئىشلىتىلىپ كېلىنمەكتە.