Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئۈچ قەۋەتلىك كېمە
دۇنيا تارىخى
三层船
sān céng chuán
قەدىمكى يۇناندىكى ئۇرۇش كېمىسىنىڭ ئاساسلىق تۈرى. ئۈچ قەۋەتنىڭ ھەممىسىگە پالاق ئورنىتىلغان (جەمئىي 150 تىن 170 كىچە پالاق بولاتتى)، شۇڭا <ئۈچ قاتار پالاقلىق كېمە> دەپمۇ ئاتالغان. كېمىنڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 40 - 45 مېتىر، كەڭلىكى ئالتە مېتىر بولاتتى، گرېتسىيە - پېرسىيە ئۇرۇشىدا (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا) ئافىنادا تۇنجى قېتىم ياساپ چىقىلغان؛ كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغىنى سالامى دېڭىز ئۇرۇشىدىن (مىلادىدىن 480 يىل ئىلگىرى) ئىلگىرى، تېمىستوكلېسنىڭ تەكلىپى بىلەن ئافىنا خەلق كېڭىشى ئۈچ قەۋەتلىك كېمىدىن 180 نى ياساپ چىققان. ئۈچ قەۋەتلىك كېمىنىڭ سۈرئىتى بىر قەدەر تېز، ھەرىكەتلىنىشىمۇ جانلىق ئىدى. پېرسىيە ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئەنە شۇ. كارفاگېنلىقلارمۇ بىر خىل ئۈچ قەۋەتلىك كېمە ئىشلەتكەن ھەمدە بىرىنچى قېتىملىق پوئىن ئۇرۇشىدا (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا) ئۇنى رىمغا ئېلىپ كىرگەن.